مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى

يوليورۇقتا، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىش بىلەن خەلقتىن ئەقىل سوراشتا چىڭ تۇرۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەممە بىردەك كۈچ چىقىرىپ، «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ئوبدان تۈزۈپ چىقىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى

2020.08.07 15:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق ئىگىلىكى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى. بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئاشكارا مەسلىھەت سوراپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىش بىلەن خەلقتىن ئەقىل سوراشتا چىڭ تۇرۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كەڭ خەلق ئاممىسى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى ساھەلەرنى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈشكە تەكلىپ پىكىر بېرىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئارزۇسى، ئاممىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرى ۋە ئاساسىي قاتلاملارنىڭ تەجرىبىلىرىنى «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈشكە قوبۇل قىلىپ،«14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ياخشى تۈزۈش كېرەك.

  ئېلىمىزدە 2021- يىلىدىن باشلاپ «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان يولغا قويۇلىدۇ، ھازىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «14-بەش يىل»لىق پىلان مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە تەكلىپ بېرىشكە تەشكىللەۋاتىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە يىرىك پىلانغا تەكلىپ بېرىش ۋە ئۇنى تۈزۈش خىزمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا ئاساسەن، ئالاقىدار تەرەپلەر يېقىندا كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، كادىرلار، ئامما ۋە مۇتەخەسسىس-ئالىملار قاتارلىقلاردىن، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ھەققىدە پىكىر تەكلىپ ئالىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ