مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان ئامبار تاقىقى تېشىنى مۇستەھكەم تۇتايلى

2020.08.11 17:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «مەن ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىمەن. بۇ يىلقى يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئېنىق بولدى، ئەمدى كۈزلۈك ئاشلىقتىن ياخشى ھوسۇل ئېلىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا جىلىندا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، بىرىنچى بولۇپ سۇڭلياۋ تۈزلەڭلىكىگە كېلىپ، شۇ جاينىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يۇقىرىقى سۆزى ۋە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى ئىگىلىشى ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايەن قىلدى.

  جۇڭگودا بىر مىليارد نەچچە يۈز مىليون ئاھالە تاماق يېيىشى كېرەك، بۇ جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت ئەھۋالى. «تاغىرىڭدا ئاش بولسا، كۆڭلۈك غەش بولماس» دېگەن گەپ ھەر قانداق ۋاقىتتا بىر ھەقىقەتتۇر. بۇ ھېكىمەتلىك سۆز بۇ يىل تېخىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتەك ئالاھىدە مەزگىلدە، گەرچە چاغاندىن كېيىن ئەشيا ئوبوروتى ۋە پارچە سېتىش قاتارلىق ساھەلەردە مۇلازىمەتچىلەر قىس بولۇشتەك مەسىلە كۆرۈلگەن بولسىمۇ، جۇڭگونىڭ ئاشلىق باھاسى يەنىلا ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملىقنى ساقلىدى، بازار ئايلىنىشى تېز ئەسلىگە كەلدى. «قانداق ۋاقىتتا ئاشلىق سېتىۋالغۇسى كەلسە ئاشلىق ھەر ۋاقىت بار بولۇش»، «ئاشلىقنىڭ يەنىلا يېڭىسىنى يېيەلەيدىغان بولۇش»، مۇھىم پەيتتىكى مانا مۇشۇنداق ياخشى ۋەزىيەت كۆپچىلىكنى خاتىرجەم قىلدى. بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ ئارقىسىدىكى ئەڭ چوڭ تىرەش كۈچى بولسا، جۇڭگونىڭ ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارىنىڭ مول بولۇشى، ئامبار زاپىسىنىڭ يېتەرلىك بولۇشى ۋە بىز چىڭ قوغداۋاتقان ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت.

  تاشقى مۇھىتتا مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرمەكتە، ئاشلىق بىخەتەرلىكى بولسا چوقۇم چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك بىر تۆۋەن چەكتۇر. تارىخىي تەجرىبىلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئاشلىق ئىشى خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش بولۇپ، ئۇ، دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ مۇھىم ئۇل تېشىدۇر. تاماق مەسىلىسىنى باشقىلارغا تايىنىپ ھەل قىلىش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، ھەم ئىشەنچلىك ئەمەس. ب د ت دۇنيا ئاشلىق پىلانى مەھكىمىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، بۇ يىل پۈتۈن دۇنيادا ئېغىر دەرىجىدە ئاشلىق مەسىلىسى خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغان نوپۇس سانى 135 مىليوندىن 265 مىليونغىچە نىسبەتكە يېتىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ خىل ئەھۋال ئاشلىق بىخەتەرلىكىنىڭ يەنىلا دۇنياۋى چوڭ تېما ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر ئاشلىق ئىشىدا باشقىلارنىڭ قىسىپ ۋە چەكلەپ تۇرۇشىغا توغرا كېلىدىغان ئەھۋال يۈز بەرسە، بۇ مۇقەررەر ھالدا باشقىلار تەرىپىدىن بۇرنىدىن تارتىپ يېتىلەپ مېڭىشقا بويسۇنۇش مەسىلىسى يۈز بېرىدۇ. دۇنيادا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋال ئالدىدا، پەقەت ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغاندىلا، ئاندىن تۈرلۈك خەۋپ-خەتەرلەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ.

  ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بىر مەڭگۈلۈك تېما. جۇڭگو ئەزەلدىن خەلقنىڭ تاماق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى كۆزلەپ، ئۇنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇشتىكى مۇھىم بىر ۋەزىپە قىلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ كەلدى. ج ك پ 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگو «دانلىق زىرائەتلەر جەھەتتە ئاساسىي جەھەتتىن ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، ئوزۇقلۇق ئاشلىق جەھەتتە ئۇنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش»تىن ئىبارەت ئاشلىق بىخەتەرلىكى يېڭى قارىشىنى تۇرغۇزدى، «ئۆزىنى ئاساس قىلىش، مەۋقەنى دۆلەت ئىچىگە قويۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىش، مۇۋاپىق ئىمپورت قىلىش، پەن-تېخنىكىنى تىرەك قىلىش»تىن ئىبارەت دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسىنى بېكىتتى. دېمەك، ئاشلىق بىخەتەرلىكىنىڭ جۇڭگوچە يولىدا مېڭىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇشتەك ئىستراتېگىيە بېكىتىلدى. بۇ بولسا، «بىز جۇڭگولۇقلار ئۆز تاماق قاچىمىزنى ھەرقانداق ۋاقىت ئۆز قولىمىزدا چىڭ تۇتۇشىمىز، بىزنىڭ تاماق قاچىمىزغا ئاساسلىقى جۇڭگو ئاشلىقى قاچىلىنىشى» كېرەكلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك دېگەنلىكتۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ