مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق گېزىتى ئوبزورى: ساغلاملىق مەسئۇلىيەتتۇر، بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋەزىپىدۇر

--- 12- نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش كۈنى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا يېزىلدى

2020.08.10 17:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن بىز 12- نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش كۈنىنى كۈتۈۋالدۇق. مۇقەددەس زېمىنغا نەزەر سالساق، بەدەن چېنىقتۇرۇشقا قاتناشقان كىشىلەر جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، گۈزەل تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈردى.

  ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىقى بولمىسا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتمۇ بولمايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئومۇمىي خەلقنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇشى بولسا، پۈتكۈل خەلقنىڭ بەدەننى كۈچەيتىشىنىڭ ھەمدە ساغلام تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى ۋە كاپالىتىدۇر. خەلقنىڭ تەن ساغلاملىقى بولسا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، ھەمدە ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە بەختلىك تۇرمۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ئاساسىدۇر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز «تەنتەربىيە چېنىقىشىنى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى قىلىش»تىن تارتىپ «جۇڭگودىكى 300 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا يېتەكلەش»كىچە، «ئاممىۋى تەنتەربىيەنى ئىزچىل قانات يايدۇرۇش»تىن تارتىپ «ساغلام ۋە مەدەنىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىش»قىچە خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى تەنتەربىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ سۇبيېكتى قىلىپ، خەلقنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ۋە ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەنتەربىيە خىزمىتىنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشتىن ئىبارەت دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق. نۆۋەتتە، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش بىلەن ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىقى ئۆزئارا چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشى ۋە مىللەتلەرنىڭ ساغلاملىقى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

  ساغلام ئادەمدە مول بىلىم ۋە مەدەنىيەت مەزمۇنى بولۇشى، يەنە ساغلام روھ ۋە ساغلام بەدەن بولۇشى كېرەك. تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كىشىلەرگە تەن ساغلاملىقىنىڭ مۇھىملىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇتتى. خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىققا ئەھمىيەت بېرىشى ۋە گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى نامايان قىلغان. بۈگۈنكى كۈندە، «تۇرمۇشتا ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش، بەدەن ساغلام بولۇش»، «ھەر كۈنى بىر سائەت چېنىقىش، ھەر كۈنى ساغلام خىزمەت قىلىش، ھەر كۈنى بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش» دېگەندەك قاراشلار كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. تەشەببۇسكارلىق بىلەن بەدەن چېنىقتۇرۇش، ئىلمىي يوسۇندا بەدەن چېنىقتۇرۇش بارغانسېرى كۆپ كىشىلەرنىڭ ئاڭلىق تاللىشىغا ئايلاندى، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشى ۋە ھەرىكىتىگە ئايلاندى.

  ساغلاملىق بولسا مەسئۇلىيەتتۇر، بەدەن چېنىقتۇرۇش بولسا ۋەزىپىدۇر. مەيلى شەخس ياكى ئائىلىگە، مەيلى دۆلەت ياكى مىللەتكە بولسۇن، ئارزۇغا ئىنتىلىش يولى ساغلاملىقنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. ساغلاملىقنى ساقلاش، كېسەللىكتىن يىراق تۇرۇش ئۆزىگە مەسئۇل بولغانلىقلا ئەمەس، شۇنداقلا ئائىلە، جەمئىيەت ۋە دۆلەتكە مەسئۇل بولغانلىقتۇر، ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىدىكى بىرىنچى مەسئۇل كىشى ھېسابلىنىدۇ. ساغلاملىقنى ساقلاش ئۈچۈن، قەتئىي بوشاشماي بەدەن چېنىقتۇرۇپ، ھەر كۈنى مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشنى چوقۇم ئورۇنداشقا تېگىشلىك ۋەزىپە قىلىش كېرەك. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، ساغلاملىققا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار ئىچىدە ھەرىكەتنىڭ ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %60كە يېتىدىكەن. ساغلاملىق مەسئۇلىيىتىنى ھەر بىر ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ھەر بىر كۈندە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەنتەربىيەنى ئاممىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرگەنلىلا، تەنتەربىيەدە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئىشى تېخىمۇ مۇستەھكەم ئاساسقا ئىگە بولىدۇ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇش ئىشى تېخىمۇ كۈچلۈك تىرەككە ئىگە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ