مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىلا جۇڭگوغا رەھبەرلىك قىلالايدۇ»

___ «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى»نىڭ خەنزۇچە تۇنجى تەرجىمە نۇسخىسى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش (6)

2020.08.10 16:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئۆتكەن 100 يىللىق تارىخقا نەزەر سالساق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇرۇش مالىمانچىلىقى كۆپ يۈز بېرىش، خەلق كۈن كەچۈرەلمەسلىكتىن تەقدىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىش، داۋاملىق قۇدرەت تېپىشقا يۈزلىنىشى بىر روشەن بەلگە، ئاساسىي تومۇر، ئاساسىي لىنىيەدۇر. بۇ تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان سىياسىي كۈچ − ماركسىزمنى باشتىن- ئاخىر ھەرىكەت قىبلىنامەسى قىلغان ھەمدە ئەمەلىيەت داۋامىدا ماركسىزمنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىدۇر.

  چېن ۋاڭداۋ 1920-يىلى تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلغان «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى»دا كومپارتىيەنىڭ ئەمەلىي جەھەتتە «ھەر قايسى ئەللەردىكى ئەمگەكچىلەر سىنىپى ئىچىدىكى ئەڭ ئىلغار، ئەڭ كەسكىن مەزھەپ» ئىكەنلىكى، نەزەرىيە جەھەتتە «ئەمگەك ھەرىكىتىنىڭ ئىلگىرىلەش يولى، ۋەزىيىتى ۋە نەتىجىسىنى ياخشى چۈشىنەلەيدىغانلىقى» ئېنىق كۆرسىتىلدى. دۇنياغا كەلگەن كۈندىن باشلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى كوممۇنىزمنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پارتىيەنىڭ ئالىي غايىسى ۋە ئاخىرقى نىشانى قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋەزىپىسىنى ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي زىممىسىگە ئالدى. خەلق جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەپ، «دۇنيا ھاڭ-تاڭ قالغۇدەك» تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يارىتىپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ «خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى دەل بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز» دەپ كۆپ قېتىم جاكارلىدى، «خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش»نى كۆپ قېتىم تەكىتلەپ، «خەلقنىڭ ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش»نى تەلەپ قىلدى، بۇ، ماركسىزمنىڭ ئادەمنى ئەتراپلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى نەزەرىيەسىنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىياتى بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا يېتەكلىمەكتە.

  «پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىلا جۇڭگوغا رەھبەرلىك قىلالايدۇ»، بۇ تارىخىي يەكۈن، ئۇلۇغ ھەقىقەت مەڭگۈ يىمىرىلمەيدۇ. «چوڭنىڭ چوڭچە قىياپىتى بولىدۇ» دەيدىغان پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش تەلىپى، «چوڭنىڭ چوڭچە قىيىنچىلىقى بولىدۇ» دېگەن مەسىلە، خىرىس، ۋەزىپىلەر ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۇلۇغ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق، ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى تىرىشىپ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئەمەلىي كۈچىگە ئايلاندۇردى. چوڭ يول پايانسىز، سەپەرگە چىققۇچى مەنزىلسىز. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مىليونلىغان جۇڭگو خەلقى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئوخشاش يۆنىلىشتە بىرلىكتە ئىلگىرىلەپ، تەڭ كۈچ چىقىرىپ بىرلىكتە ئىشلىسىلا، بارلىق جاپا- مۇشەققەت ۋە توسالغۇلارنى چوقۇم يېڭىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. مانا بۇ سوتسىيالىستىك جۇڭگونىڭ شەرقتە قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشىدىكى ئىشەنچ، مانا بۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشتىكى ئىشەنچىدۇر!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ