مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سابىق باش شۇجىسى لى كېپياۋنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ ۋيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى رۈەن فۇجوڭغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2020.08.10 17:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8-ئاۋغۇست ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى رۈەن فۇجوڭغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سابىق باش شۇجىسى لى كېپياۋنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى. تەزىيە تېلېگراممىسىنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سابىق باش شۇجىسى يولداش لى كېپياۋنىڭ بەختكە قارشى ۋاپات بولغانلىقىنى ئاڭلاپ ھاڭ-تاڭ قالدىم. مەن جۇڭگو كومپارتىيەسى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەمدە شەخسەن ئۆز نامىمدىن سىزگە ھەمدە سىز ئارقىلىق ۋىيېتنام كومپارتىيەسى، ۋىيېتنام ھۆكۈمىتى ۋە ۋىيېتنام خەلقىگە يولداش لى كېپياۋنىڭ ۋاپاتىغا بولغان قايغۇلۇق تەزىيەمنى بىلدۈرىمەن، ھەمدە يولداش لى كېپياۋنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

  يولداش لى كېپياۋ ۋىيېتنام پارتىيەسى ۋە دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى ئىدى، ئۇ ۋىيېتنام خەلقىگە يېتەكچىلىك قىلىپ ۋىيېتنامنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھات ئىشلىرىدا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. يولداش لى كېپياۋ جۇڭگو پارتىيەسى ۋە خەلقىنىڭ سەمىمىي يولدىشى ۋە يېقىن دوستى بولۇپ كەلدى، بىز ئۇزاق مۇددەت مۇقىم بولغان، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ۋە ئىناق قوشنا-دوستلاردىن بولۇپ كەلدۇق، بۇنىڭدا ئۇنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىدىغان جۇڭگو-ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن قوشقان گەۋدىلىك تۆھپىسى بار.

  جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەش ۋە جارى قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ۋىيېتنام بىلەن بىرلىكتە سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ۋىيېتنام پارتىيەلىرى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا داۋاملىق رەۋىشتە يېڭىدىن ۋە تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. مەن يولداش باش شۇجى باشچىلىقىدىكى ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ۋىيېتنامنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ئىشىنىمەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ