مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۈرلۈك ئاماللار بىلەن بازار سۇبيېكتلىرىنى ياخشى قوغداش لازىم

2020.08.07 17:31 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «تۈرلۈك ئاماللار بىلەن بازار سۇبيېكتلىرىنى ياخشى قوغداپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن ئاساسىي كۈچ توپلاش كېرەك». يېقىندا ئېچىلغان كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كارخانىچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، مۈلۈك ھوقۇقى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىم تەرەققىيات كۆزلىمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىپ، مەغلۇبىيەتكە كەڭچىلىك قىلىپ، كارخانىچىلارنىڭ ئىش قىلىپ ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىلھام بېرىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

  قانۇن ئىدارە قىلىش ئەڭ ياخشى سودا مۇھىتىدۇر. ئىقتىسادىي تەرەققىيات قانچە زور بېسىمغا دۇچ كەلگەنسېرى، قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسنى مۇستەھكەملەش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەلگۈسىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى شۇنچە تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا، ئالدى بىلەن كارخانىچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەك. پۇقراۋى كارخانىلاردا كارخانىچىلار «تايانچ» ھېسابلىنىدۇ، لېكىن، ئەمەلىيەتتە بەزى جايلار مەمۇرىي ھوقۇق ۋە جىنايى ئىشلار ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىقتىسادىي ماجىرالارغا قول تىقىدۇ، بەزى جايلار ئايرىم قانۇن يۈرگۈزۈش دېلولىرىدا مەجبۇرلاش تەدبىرىنى قالايمىقان ئىشلىتىپ، كۆپ ھاللاردا ساغلام ئايلىنىۋاتقان بىر كارخانىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. مۇقىم مۈلكى بارلاردا قەتئىي ئىرادە بولىدۇ، قەتئىي ئىرادىلىك كىشىلەر تۇراقلىق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، كارخانىچىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغداشتا، چوقۇم جىنايەت بىلەن جازانى قانۇندا بەلگىلەش، گۇمانىي جىنايەتنى يوققا چىقىرىش پىرىنسىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي ماجىرا بىلەن ئىقتىسادىي جىنايەتنى قاتتىق پەرقلەندۈرۈپ، مەجبۇرلاش تەدبىرىنى قانۇن بويىچە ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەتبىقلاش لازىم، بىر قىسىم پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تارىختا بولۇپ ئۆتكەن بەزى قېلىپلاشمىغان قىلمىشلىرىغا تەرەققىيات نەزىرى بىلەن قاراپ، كارخانىچىلارنى ئىدىيەۋى يۈكنى تاشلىۋېتىپ، يېنىك ھالدا ئالغا ئىلگىرلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش − يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىدىغان، مەغلۇبىيەتكە كەڭ قورساق بولىدىغان قانۇن ئىدارە قىلىش مۇھىتىدىن ئايرىلالمايدۇ. يېڭىلىق يارىتىش بىلەن خەۋپ-خەتەر ھەمىشە ھەمراھ بولىدۇ، ھەش-پەش دېگۈچە ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بازار رىقابىتىدە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن، كارخانىلار «خاتالىقنى سىناش»قا جۈرئەت قىلىدىغان تۈزۈم كاپالىتىگە مۇھتاج. ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىۋاتقان يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى سودا ئەندىزىسى ئالدىدا، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن ئەدلىيە ئورگانلىرى تېخىمۇ كەڭ قورساق، ئېھتىياتچان بولۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش ھەرىكىتىنىڭ كارخانىلارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىشى كېرەك.

  نۆۋەتتە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى كۆپ قاتلاملىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، ئېلىمىزدىكى نۇرغۇن بازار سۇبيېكتلىرى مىسلى كۆرۈلمىگەن بېسىمغا دۇچ كەلدى. بۇ قىيىنچىلىقلارنىڭ رېئال ئىكەنلىكىنى، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ جەريان يەنە ساقلىنىۋاتقان قانۇن ئىدارە قىلىش مەسىلىلىرىنى ئاشكارىلاپ، قانۇن ئىدارە قىلىش مۇھىتىنى يەنىمۇ مەجبۇرىي مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ پۇرسىتى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىش كېرەك. كارخانىچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، قانۇن ئىدارە قىلىش ئارقىلىق كارخانىچىلارنى خاتىرجەم قىلغاندىلا، كارخانىچىلار ئاندىن كۆڭۈل قويۇپ ئىگىلىك تىكلىيەلەيدۇ، خاتىرجەم مەبلەغ سېلىپ، خاتىرجەم تىجارەت قىلالايدۇ، زېھنىي كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، يىراقنى كۆزلەپ، كارخانىنى كۈچەيتىپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ