مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى

شىنجاڭ ئۈرۈمچى ۋە لياۋنىڭ داليەندە يۇقۇمنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىندى

2020.08.06 16:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاۋغۇست ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ سىياسەتتىن خەۋەرلەندۈرۈش قەرەللىك يىغىنىدا، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى داۋالاش مەمۇرىيىتى، داۋالاش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ رېۋىزىيە مەخسۇس خادىمى جياۋ ياخۇي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر شىنجاڭنىڭ ئۈرۈمچى ۋە لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ داليەندە يۇقۇمىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەندى، ۋىرۇس ئايرىپ يېتىشتۈرۈش ۋە يادرو كىسلاتاسىنىڭ گېن تەرتىپىنى ئۆلچەش ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.

  7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئۈرۈمچى ۋە لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ داليەندە ئارقا-ئارقىدىن يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلدى، جياۋ ياخۇي ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ مۇنداق دېدى: 7-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 0 دىن 8-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 24 كىچە، شىنجاڭدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلاردىن جەمئىي 670 نەپەر دوكلات قىلىندى، كېسەللىك ئالامىتى يوقلاردىن يۇقۇملانغانلاردىن 122 نەپەر دوكلات قىلىندى، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلاردىن 52 نەپەر بىمار ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلاردىن 42 كىشىگە قارىتا تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى، ھازىر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلاردىن 618 نەپەر بىمار بار، كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان يۇقۇملانغۇچىلاردىن 122 كىشى بار. لياۋنىڭدا جەمئىي دوكلات قىلىنغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىدىن 90 نەپەر بولۇپ، كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان يۇقۇملانغۇچىلار 28 نەپەر، كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان ئۈچ نەپەر يۇقۇملانغۇچىغا قارىتا تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى، ھازىر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىماردىن 90 نەپەر، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىدىن 25 نەپەر بار.

  جياۋ ياخۇي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ ئىككى قېتىملىق يۇقۇم ئەھۋالى تۆۋەندىكىدەك ئورتاق ئالاھىدىلىككە ئىگە:

  بىرىنچى، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ دەسلەپكى تەرەققىياتى بىر قەدەر تېز بولدى، «ئىستاتىستىكىدىن قارىغاندا، شىنجاڭ ئۈرۈمچىدە 7-ئاينىڭ 16-كۈنى 1-بىمار دوكلات قىلىنغاندىن بۇيان، بىرىنچى، يوشۇرۇن مەزگىلى، يەنى بىرىنچى 14 كۈن ئىچىدە يۇقۇملانغان ئادەم سانى كۆپىيىپ، 550 دىن ئاشتى. لياۋنىڭ داليەندە 1- كېسەللىك بىمارى دوكلات قىلىنغاندىن بۇيان، 10 كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 100 دىن ئېشىپ كەتتى».

  ئىككىنچى، ياش، ئوتتۇرا ياشلىق يۇقۇملانغۇچىلار ئاساسلىق بولدى.

  شىنجاڭدىكى كېسەللەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 35 ياش، داليەندىكى كېسەللەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 41 ياش.

  ئۈچىنچى، بۇ بىمارلار يېنىك كېسەللىك ۋە ئادەتتىكى تىپنى ئاساس قىلىدۇ. ئومۇمىي كېسەللىك ئەھۋالى ئانچە ئېغىر ئەمەس، ئىككى ھەپتە ئىچىدە بەزى بىمارلار دوختۇرخانىدىن چىقتى.

  جياۋ ياخۇي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئېپىدېمىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشنى تېز قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، يوشۇرۇن يۇقۇم مەنبەسى تېز بايقالدى. ئىككى جايدا يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈپ، يۇقۇملانغۇچىلار توپى ۋە يۇقۇملانغان بىمارلارنى ئەڭ زور چەكتە بايقاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا تەشكىللىدۇق، نۆۋەتتە شىنجاڭ، داليەندە يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەندى.

  شىنجاڭدا تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش توغرىسىدا، جياۋ ياخۇي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئېقىم تەڭشىگۈچىلەر قاتارلىقلار بىلەن چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، كەڭ كۆلەملىك يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈپ تاسقاش ئارقىلىق، بارلىق خادىملارغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋە تەڭشەش ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. نۇقتىلىق كىشىلەر ئاساسىي جەھەتتىن تەڭشەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى ھەمدە ئۈنۈملۈك ئايرىپ، تېببىي كۆزىتىش ئېلىپ بېرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ