مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق گېزىتى ئوبزورى: ئىزچىللىقنى ساقلاپ، تاغدەك ئېغىر يۈكلەر ۋە ۋەزىپىلەرنى زىممىگە ئېلىش كېرەك

-- نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھىنى مۇجەسسەملەش (4)

2020.08.07 15:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نامراتلارنى يۆلەشكە ئۆزىنى بېغىشلاپ كۈچ چىقارغان كەڭ كادىرلار جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ بىر تارىخىي ئۇلۇغ ئىش ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئۆز زىممىسىگە ئالغانلىرى مىليونلىغان خەلقنى گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشتىكى ئېغىر ۋەزىپىدۇر.

  ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ بولغانسېرى، ئەسلىي مەقسەتتە شۇنچە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي ئىرادىنى مەڭگۈ ساقلاپ، ۋەزىپىنى ئازايتماسلىق، نىشاننى ئۆزگەرتمەسلىك ۋە ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، داۋاملىق تۈردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئورۇندىغىلى بولامدۇ يوق، ئۇنىڭ ئاچقۇچى ئادەمدە، ئۇ ئاچقۇچ كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئىستىلىدا. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى باشلانغاندىن بۇيان، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەتىرەتلىرىدىن مەملىكەت بويىچە جەمئىي 255 مىڭى تەشكىللەپ ئەۋەتىلدى، نۇرغۇن كادىرلار نامرات كەنتلەرگە ۋە چېچىلاڭغۇ كەنتلەرگە 1- شۇجى ياكى كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىر قىلىپ ئەۋەتىلدى. چوڭقۇر ئورمانلىقتىن سۇلۇق ئېتىزلارغىچە، چۆل-جەزىرىلەردىن بىپايان ئورمان-يايلاقلارغىچە، ئۇلار نامرات ئامما بىلەن بىللە ئىشلەپ، نۇرغۇنلىغان نامراتلارنى بىرمۇ بىر يۆلەش تۈرلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ، تۈرلۈك بېيىش كەسىپلىرىنى قۇرۇپ، كۈرمىڭلىغان تەرەققىيات قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە، نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرى جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈپ ۋە بوشاشماي تىرىشىپ، مول مەزمۇنلۇق سەھىپىلەرنى يازدى.«پۇقرالارنىڭ قەلبى ئۈچۈن خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش ۋە قەلبداش بولۇش پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ قەتئىي ئىرادىسىدۇر.» بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، تۇيۇقسىزدىن يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەردى، يېقىنقى ئايلاردا يەنە كەلكۈن ئاپەتلىرى كەلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش جەڭ خىزمىتى تېخىمۇ جاپالىق بولدى. بوران قانچە كۈچلۈك، دولقۇن قانچە ئېگىز بولغانسېرى، يوللاردا مېڭىش خەتەرلىك بولىدۇ، ھەم شۇنچە كۆپ سىناقلاردىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرى «ھەم كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشتە چىڭ تۇرۇش، ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا بوشاشماسلىق»تا چىڭ تۇرۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ۋە باشقا جايغا يۆتكىتىلگەن ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەپ، ئاپەت سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىش، ئاپەت سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ سىياسەت-تەدبىرلىرىنى كەسكىن قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش جېڭى ۋە كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش-خەتەردىن قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت «قوش مەسئۇلىيەت»نى ئۈستىگە ئالدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ بولغانسېرى، ئەسلىي مەقسەتنى تېخىمۇ شۇنچە چىڭىتىپ، قەتئىي ئىرادىنى مەڭگۈ ساقلاپ، ۋەزىپىنى ئازايتماسلىق، نىشاننى ئۆزگەرتمەسلىك ۋە ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، قىيىنچىلىقلارنى داۋاملىق يېڭىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك.

  دەسلەپكى مەقسەت قىممەتلىك، قەتئىي ئىرادە تېپىلغۇسىز. نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، نۆۋەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر ئاسانغا توختىمىدى. لېكىن، قىسمەن غەلىبىلەردىن مەغرۇرلىنىشقا، ئاجايىپ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى كۆرۈپ بوشاڭلىق قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، قىيىنچىلىق ۋە خىرىستىن قورقۇپ، چېكىنىشكە ھەرگىز بولمايدۇ. قۇتۇلدۇرۇشقا تېخى ئۈلگۈرەلمەي ئېشىپ قالغان نامراتلار ئىچىدىكى نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇشقا ۋە ھەل قىلىشقا تېخى ئۈلگۈرەلمەي ئېشىپ قالغان قىيىنچىلىقلار ئىچىدىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە يەنە داۋاملىق تىرىشىش كېرەك؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالىنىڭ قايتا نامراتلىشىپ كېتىش خەۋپ-خەتىرىنى ۋە چەتتە قالغان ئاھالىنىڭ نامراتلىشىپ كېتىش خەۋپ-خەتىرىنى تۈگىتىش خىزمىتىنى يەنە جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەش، ھەمدە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ نامراتلىقتىن ئومۇميۈزلۈك قۇتۇلدۇرۇش بىلەن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك جىپسىلىشىشى ئۈچۈن يەنە جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈپ ئىشلەپ، بۇ جەھەتتە يەنە نى-نى ئىشلارنى قىلىش كېرەك، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى ئويناشقاندەك بىر ھۇجۇم قىلىپ قويۇش بىلەنلا قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ.

  قەتئىي ئىرادە بىلەن دەسلەپكى مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنى باشتىن-ئاخىر قەلبىگە چىڭ پۈكۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىىگە ئېلىپ، باتۇرلۇق ۋە ئىرادىنى ئۇرغۇتۇپ، تىرىشىپ خىزمەت كۆرسىتىدىغانلا بولساق، بىز چوقۇم شەرەپ ۋە ئارزۇنى زېمىنغا يېزىپ چىقالايمىز، پارتىيىمىزنىڭ خەلققە ۋە تارىخقا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى قەتئىي تۈردە ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ