مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش «توسما»سىنى بىر نىيەتتە مۇستەھكەملەيلى

2020.08.07 17:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  كەلكۈن مەزگىلى كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا قاتتىق يامغۇر يېغىپ، ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى. كەلكۈن ئالدىدا جايلار مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئاتلاندى. بۇلار بوران-چاپقۇندا مەغرۇر قەد كۆتۈرۈپ، كەلكۈن شىددەتلىك ئېقىنىدا باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇشتىكى مۇستەھكەم «توسما»نى ھاسىل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغدىدى.

  كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدە بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەت يېشىپ بېرىلدى. كەلكۈن ئاپىتى پۇقرالارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى ۋە ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى. ئاپەتنىڭ ئۆزى بۇيرۇق دېمەكتۇر، ۋاقىت ھايات دېمەكتۇر. ئەڭ خەتەرلىك پەيتتە، كەڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئەڭ ئالدىدا ئاتاكىغا ئۆتتى، قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدە لەپىلدىدى؛ ئەڭ جىددىي پەيتتە، خەلق پەرزەنت ئەسكەرلىرى، ج خ كادىر-ساقچىلىرى، ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش خادىملىرى قاتارلىقلار «كەلكۈن قايتمىسا مەنمۇ چېكىنمەيمەن» دېگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماي، كېچە- كۈندۈز دېمەي، «پولات-تۆمۈر ئۇزۇن توسمىسى» ياساپ، قەھرىمانلار مەدھىيەسىنى ياڭراتتى. ئۇلار پۈتۈن كۈچى بىلەن تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرنىڭ ئامانلىقىنى قوغداپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، يىمىرىلمەس قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

  كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدە كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش روھىغا ۋارىسلىق قىلىندى. دەۋر ئۆزگەردى، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش روھى ئۆزگەرمىدى. كەلكۈن بىلەن تىركىشىۋاتقان كىشىلەر توپى ئىچىدە، 1998-يىلى كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇشقا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچىلەر بار، كۈچ ئۇلاپ كەلكۈنگە تاقابىل تۇرغان ئۈچ ئەۋلاد كىشىلەر بار، يەنە ئىلگىرى كەلكۈندە قۇتقۇزۇۋېلىنغان، بۇ قېتىم كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىققان «90-يىللاردا تۇغۇلغانلار»مۇ بار. يىللار ئالمىشىپ، چىرايلاردا ئۆزگىرىش بولدى، بىرىنچى سەپكە قاراپ ئىلگىرىلىگەنلەر بۇرۇنقىدەكلا باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى. كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھى كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ، بىزگە قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئىشەنچىسى ۋە جاسارىتى ئاتا قىلىپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇش، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىش ئېتىقادى ۋە كۈچىنى نامايان قىلدى.

  كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدە مېھرى-شەپقەتنىڭ كۈچى يەتكۈزۈلدى. ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى يۆتكەش، قاچىلىق تاماق تارقىتىش، داۋالاش كاپالىتى قاتارلىق خىزمەتلەرگە قاتنىشىپلا قالماي، يەنە خالىسانە چاچ ياساش، تاپشۇرۇق ئىشلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرغان پىدائىيلار، قارايامغۇر ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونلار ۋە كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىگە ھەقسىز قان تەقدىم قىلىپ، ھاياتلىقنى قوغداۋاتقان داۋالاش خادىملىرى، كەلكۈن ۋە ھۆلچىلىك بىلەن تىركىشىۋاتقان باتۇرلار ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا پائال ماددىي ئەشيا ئىئانە قىلغان جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەر... ئاپەت رەھىمسىز بولسىمۇ، كىشىلەردە مېھىر-مۇھەببەت بار، ئاپەت ئالدىدا قول تۇتۇشۇپ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزىدىغان بۇ كىشىلەر خۇددىي پىلىلداپ نۇر چېچىپ تۇرغان چىراغقا ئوخشاش، كەلكۈننى يېڭىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلدى.

  «دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەۋاتقان» ئاددىي قەھرىمانلارغا ھۆرمەت بىلدۈرىمىز، ئۆز ئارا ياردەم بېرىدىغان ھەيۋەتلىك كۈچلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرىمىز، بۇيرۇقنى ئاڭلاپ ھەرىكەتلىنىدىغان، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەتۈر ماڭىدىغان، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ھەر بىر ئادەمگە ھۆرمەت بىلدۈرىمىز!

  مىڭلىغان-تۈمەنلىگەن ئاددىي كىشىلەر بىرلىكتە كۈرەش قىلىپ ئىتتىپاقلاشقاندا ئۆتكىلى بولمايدىغان داۋان، ئۆتكىلى بولمايدىغان ئۆتكەل بولمايدۇ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە چوقۇم غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ