مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈندىدار نومۇرىنى ئەنگە ئالدۇرۇشنىڭ ھەقسىز بولۇشى ئۇنى ئىجارىگە بېرىش جاۋابكارلىقىنى كەچۈرۈم قىلىشقا بولىدۇ دېگەندىن دېرەك بەرمەيدۇ

2020.08.06 16:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندىن بېرى، «ئۈندىدارنى ئىجارىگە بەرمەكچى بولسىڭىز مېنى قوشۇڭ، مېنىڭ نومۇرۇم ئۇزاق مۇددەت كۈچكە ئىگە»، «ئۈندىدارنى يۇقىرى باھادا سېتىۋالىمىز، ئۇنى سېتىشنى خالىمىغانلار ئىجارىگە بەرسىمۇ بولىدۇ، بىر كۈنلۈكى 180 يۈەن» دېگەندەك ئېلانلار بۇرۇتتىكى چۆپتىن كېلىدىغان بۇنداق ئازغىنە پايدىنى كۆزلەپ ئۇنىڭغا قىزىقىدىغان گوللارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ، بەزى دوستلار چەمبىرىكىدە ۋە ئۈندىدار توپىدا پات-پات پەيدا بولۇپ تۇرىدىغان بولدى. نەتىجىدە، ئۆزلىرىنىڭ ئۈندىدار نومۇرىنى باشقىلارغا ئىجارىگە بېرىدىغانلار كۆرۈلدى، ئەمما ئىجارىگە بېرىلگەن بۇ ئۈندىدار نومۇرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن ئالدامچىلىق قىلىش ۋە پۇل يۇيۇش قاتارلىق جىنايى ھەرىكەتلەرگە ئىشلىتىلىدىغان نومۇرلار بولۇپ قالماقتا.

  بەزى ئابونتلار، ئۈندىدار نومۇرىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ئەسلىدىنلا ھەقسىز تۇرسا، ئۈندىدار نومۇرىنى ئىجارىگە بەرسە ئاسانلا پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدىكەن-غۇ، يەنە كېلىپ ھېچقانداق خەتىرى يوق تۇرسا، ئۈندىدار نۇمۇرۇمنى كېيىن قايتۇرۇۋالغىلى بولمىغان تەقدىردىمۇ، يامىنى كەلسە قايتىدىن بىرنى تىزىملاتسام بولىدۇ-غۇ، دەپ خاتا ئويلايدۇ. ئەمما، بۇنداق ساددا خىيالنى قىلىشقا بولمايدۇ.

  ئۈندىدار ئابونتى ئۈندىدار نومۇرىنى باشقىلارغا ئىجارىگە بەرگەندىن كېيىن، شۇ ئابونت نۇرغۇن پېشكەللىكلەرگە، يەنى ئۇنىڭ ئۈندىدار ھېسابات نومۇرى يوقاپ كېتىش، شەخسىي ئۇچۇرلىرى ئاشكارىلىنىپ قېلىش ۋە ھېسابات نومۇرىغا باغلانغان مەبلەغلىرى ئوغرىلىنىش دېگەندەك خەۋپ-خەتەرلەرگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن بولۇپلا قالماي، باشقىلار ئۇنىڭ ھېسابات نومۇرىدىن پايدىلىنىلىپ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى ئۈندىدار نومۇرىنى ئىجارىگە بەرگۈچى كىشى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ. شۇنى بىلىش كېرەككى، «بىر بالاسى بولمىسا قۇيرۇق ياتامدۇ تاشتا» دېگەندەك، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ پۇل چىقىرىپ ئۈندىدار نومۇرىنى ئىجارىگە ئېلىشىدا چوقۇم بىر غەرەز بار، ئۇ بولسىمۇ دەل ئۈندىدار نومۇرىنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدىكى بايلىقى ۋە چىقىم قىلىش ئىقتىدارى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشنى كۆزلەشتىن ئىبارەت. باشقىلار تەرىپىدىن ئىجارىگە ئېلىنغان بۇ ئۈندىدار نومۇرلىرى ئاساسلىقى ساختا ئېلانلارنى، شەھۋانىيلىق ۋە قىمارۋازلىققا ئائىت ئۇچۇرلارنى تارقىتىش دېگەندەك قىلمىشلارغا ئىشلىتىلىدۇ، ياكى زاڭ پۇلنى ئاز سوممىلىق مەبلەغ قىلىپ يۆتكىۋېتىپ، پۇل يۇيۇشقا تاقابىل تۇرۇش سۇپىسىنىڭ كۆزىتىشدىن قېچىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

  2015- يىلى 11- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان «جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى (9)» دا، باشقىلارنىڭ ئۇچۇر تورىدىن پايدىلىنىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىگە ياردەم قىلىشتەك جىنايى قىلمىشلارنى جازالاشقا ئائىت تۆۋەندىكىدەك ماددىلار، يەنى، باشقىلارنىڭ ئۇچۇر تورىدىن پايدىلىنىپ جىنايەت ئۆتكۈزمەكچى بولغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن ئۇلارنى ئالاقە تورىغا ئۇلاپ بېرىش، ياكى مۇلازىمەت ماتورىنى باشقىلارغا ۋاسىيلىق قىلىش، ياكى بۇزۇقچىلارنى ئۇلارنىڭ جىنايى ئۇچۇرلىرىنى توردا ساقلاپ بېرىش ۋە ئالاقە ئارقىلىق يەتكۈزۈپ بېرىش دېگەندەك تېخنىكا جەھەتتىن قوللاش، ياكى بۇزۇقچىلارنى ئېلاننى كېڭەيتىش ۋە چىقىم قىلىپ راسچوت قىلىش دېگەندەك ياردەملەر بىلەن تەمىنلەشتەك قىلمىشلار ئايرىم ھالدا جىنايەت تۈرلىرىكە كىرگۈزۈلىدۇ، دېگەن ماددىلار ئالاھىدە ئىلاۋە قىلىنغان. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ «ئۇچۇر تورىدىن قانۇنسىز پايدىلىنىش ۋە ئۇچۇر تورىدىكى جىنايى ھەرىكەتلەرگە ياردەم بېرىش قاتارلىق جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىشتە قانۇننى تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى»غا ئاساسەن، تۆۋەندىكىدەك قىلمىشلارغا تۆۋەندىكىچە جىنايەت بېكىتىشكە بولىدۇ: يەنى، باشقىلارنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنى مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان پىروگرامما، قورال ياكى باشقا تېخنىكىلىق قوللاشلار ۋە ياردەملەر بىلەن تەمىنلىگەنلەرنى، مەزكۇر قىلمىشچى باشقىلارنىڭ ئۇچۇر تورىدىن پايدىلىنىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىگە ياردەم بەرگەن، دەپ بېكىتىشكە بولىدۇ، قارشى دەلىل-ئىسپاتلىرى بولغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغان، ياكى ياردەم بەرگەن ئوبيېكتى سادىر قىلغان جىنايەت ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان ئەھۋاللارنى جىنايى ئىشلار قانۇنىدا بەلگىلەنگەن «قىلمىشى ئېغىر» دېگەن دەرىجە تۈرى بويىچە بېكىتىشكە بولىدۇ.

  ئۈندىدار نومۇرىنى ئەنگە ئالدۇرۇشنىڭ ھەقسىز بولۇشى ئۇنى ئىجارىگە بېرىش جاۋابكارلىقىنى كەچۈرۈم قىلىشقا بولىدۇ دېگەندىن دېرەك بەرمەيدۇ. نۆۋەتتە، تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، «ئۈندىدار نومۇرىنى ئىجارىگە بېرىشتىن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىشى مۇمكىن» دېگەننى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ