مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى ئوبزورى: «تۆت تەرەپ مەسئۇلىيىتى»نى چىڭىتىپ، «بەشتە بار بولۇش، ئۈچتە قاتتىق بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

--- «يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىلمىي بىر تەرەپ قىلىش» (4)

2020.08.06 16:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى سەۋەبىدىن، بۇ يىل 1- ئاينىڭ 23- كۈنى ۋۇخەندە سەپەرگە چىقىشنى چەكلەش بۇيرۇقى يولغا قويۇلغان ئىدى؛ 4- ئاينىڭ 8- كۈنى ۋۇخەندە ۋۇخەندىن ئايرىلىش يولىنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش تەدبىرى بىكار قىلىندى؛ 4- ئاينىڭ 26- كۈنى، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقۇملانغۇچىلار تىزىملىكىدە ئالتىدە «نۆل» بولۇش، يەنى، ئېنىق دېئاگنوز قويۇلغانلار تىزىملىكىگە يېڭىدىن قوشۇلغان كېسەل سانى نۆل، ئۆلگەن كېسەللەر تىزىملىكىگە يېڭىدىن قوشۇل كىشى سانى نۆل، يېڭىدىن كۆپەيگەن گۇمانىي كېسەل سانى نۆل، ھازىر بار بولغان گۇمانىي كېسەل سانى، ھازىر بار بولغان ئېنىق دېئاگنوز قويۇلغان كېسەل ۋە ئېغىر كېسەل قاتارلىقلارنىڭ سانى ھەممىسى نۆل بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. خۇبېيدا، جۈملىدىن ۋۇخەندە توپتوغرا ئۈچ ئاي كۈرەش قىلىش نەتىجىسىدە، ئۇ جاينىڭ ئىلگىرىكى جىددىي خاراكتېرلىك ۋە ئادەتتىن تاشقىرى ئالدىنى ئېلىش دەرىجىسى ھازىرقىدەك دائىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش دەرىجىسىگە ئۆزگەرتىلدى.

  5- ئاينىڭ 4- كۈنى، گوۋۇيۈەن بىرلەشمە مۇداپىئە-كونترول مېخانىزمى گۇرۇپپىسى ۋۇخەنگە ماكانلىشىپ، خۇبېي ئۆلكىسى ۋە ۋۇخەن شەھىرىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ھەمدە ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا بولغان كېيىنكى باسقۇچلۇق يېتەكچىلىكى ۋە قوللىشىنى كۈچەيتتى. ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، مەزكۇر گۇرۇپپا ھەمدە خۇبېي ئۆلكىسى ۋە ۋۇخەن شەھىرى يەنە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەمەلىيىتىدە، «تۆت تەرەپ مەسئۇلىيىتى»نى چىڭىتىشنىڭ ۋە «بەشتە بار بولۇش، ئۈچتە قاتتىق بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت چارىسى ئۈستىدە ئىزدەندى، «ئالدىنى ئېلىش» ۋە «بىر تەرەپ قىلىش»تىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ھالقىنى پۇختا ئىگىلەپ، خبېي ئۆلكىسى ۋە ۋۇخەن شەھىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە ياردەم بەردى. بۇنىڭ بىلەن، ھەم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈردى، ھەمدە جايلارنىڭ يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ قايتا تەرەققىياتىنى تېزلىتىشى ئۈچۈن ئۇلارنى ئاسان نۇسخىلىغىلى بولىدىغان نۇسخىلىق لايىھە بىلەن تەمىنلىدى.

  يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئېنىقسىزلىقىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى بۇ تارىنى ئۇزۇن ۋاقىتچە چىڭىتىپ تۇرۇش كېرەككى، جەڭگە تەييارلىقسىز تۇرۇشقا ۋە تەييارلىقسىز جەڭ قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ ھىيلىگەر يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن ئۇزاققىچە جەڭ قىلىشتا، ئالدى بىلەن ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئىلمىي ۋە ئېنىق ئۆلچىمىنى بېكىتىشكە تىرىشىپ، ئىلمىي رەۋىشتە ۋە دەل جايىدا، ھەمدە قانۇن بويىچە ۋە تەرتىپلىك ھالدا بولۇشقا تىرىشىپ، ھەمدە مەشغۇلات قىلغىلى بولىدىغان ۋە تەكشۈرگىلى بولىدىغان قىلىش نىشانىغا تىرىشىپ، مۇھىم نۇقتىلاردا يىڭنىنىڭ تۆشۈكىچىلىك چوڭلۇقتىكى يوچۇقلارنىمۇ كۆڭۈلدىن ساقىت قىلماسلىق، بىھۇدە ئىشلارغا كۈچنى ئىسراپ قىلماسلىق كېرەك.

  كارخانىلار، ئىجتىمائىي ئورۇنلار ۋە مەھەللىلەر ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرى ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بولۇشى، قاراتمىلىقى ۋە مەشغۇلاتچانلىقى بولۇشى كېرەك، بولمىسا ئىجرا قىلىش تەس بولىدۇ. بۇ، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىن مۇداپىئە قىبلىنامىسى، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە مەسئۇل كىشىلەر، مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى، ئۈسكۈنىلىرى بولۇش، تېببىي كۈچلەرنىڭ قوللىشى، كۆزىتىش ئۆيى ۋە يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرلىرى بولۇش قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلىدۇ؛ داۋالاش سەھىيە تارماقلىرى قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى تەسىس قىلىپ باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشنى چىڭىتىپ، دوختۇرخانا ئىچىدە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىدىمۇ چوقۇم يۇقۇمنىڭ سېتتىن كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، قىسمەن رايونلاردا مەركەزلىك يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، كۈز ۋە قىش پەسلىدە ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش دېگەندەك ئوخشاش بولمىغان ۋەزىيەتكە ئاساسەن، يېتەرلىك مىقداردا ۋە بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىلىرى، كېسەل كارىۋاتلىرى، تېببىي خادىملار ۋە دورا-ماددىي ئەشيالارنى ئالدىن تەييارلاپ قويۇش كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

  «پىلانلىق ئىش بۇزۇلماس». ئالدىنى ئېلىش بولسا، ئەڭ تېجەشلىك ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك بولغان ساغلاملىق تاكتىكىسىدۇر. يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۆلچىمىنى دائىملاشتۇرغاندا، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە، «جان تۇمشۇققا كەلگەندە ئاندىن ئالاقزادە بولماق»تىن ساقلانغىلى بولىدۇ؛ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۆلچىمىنى چوقۇم كۆرگىلى بولىدىغان ۋە تۇتقىلى بولىدىغان قىلىش كېرەك. دېمەك، ھاۋا ئوچۇق كۈنلەردىمۇ كۈنلۈك تەييارلاپ قويۇش كېرەك، بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ