مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ نوپۇسنى 7- قېتىملىق مەملىكەتلىك ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى :

سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ۋە ياخشى ئىشلەپ، مەملىكەت بويىچە نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2020.07.30 17:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نوپۇسنى 7- قېتىملىق مەملىكەتلىك ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى 29- ئىيۇل چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەننىڭ نوپۇسنى 7- قېتىملىق مەملىكەتلىك ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نوپۇسنى 7- قېتىملىق مەملىكەتلىك ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بولسا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ۋە ياخشى ئىشلەپ، مەملىكەت بويىچە نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەملىكەت بويىچە نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتى ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا قەدەم قويدى، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ نىشان يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىراجىتى، ماددىي ئەشيا كاپالىتى، «ئىككى خادىم»نى تاللاپ تەربىيەلەش، نوپۇسنى تەرتىپكە سېلىش ۋە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتىكى رايونلارغا ئايرىپ خەرىتە سىزىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تىزىملاشنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك. سانلىق مەلۇمات سۈپىتىنىڭ تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش لايىھەسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلېكترونلۇق يىغىشنى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىپ، مەمۇرىي خاتىرە سانلىق مەلۇماتلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، نەق مەيداننى تىزىملاشنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ھەقىقىي ۋە توغرا بولۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە ۋە سانلىق مەلۇماتلارغا قالايمىقان ئارىلىشىدىغان تۈرلۈك قىلمىشلارنى قەتئىي توسۇش، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئوبيېكتلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قاتتىق قوغداش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، تەشۋىق قىلىش ۋە سەپەرۋەر قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ مەقسىتى، ئەھمىيىتى ۋە رولىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى «ھەممە ئادەم بىلىش، ھەممە ئادەم قوللاش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. «مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، تارماقلار ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ ھەمكارلىشىش، جايلار دەرىجىگە ئايرىپ مەسئۇل بولۇش، ھەرقايسى تەرەپلەر ئورتاق قاتنىشىش»تەك تەلەپلەر بويىچە، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، زىچ ھەمكارلىشىپ ۋە ماسلىشىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ