شى جىنپىڭ ھەربىي ئۇنۋاننى ئۆستۈرۈش بۇيرۇقنامىسى بەردى ھەمدە ئۇلارنى تەبرىكلىدى

2020.07.30 17:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ شاڭجياڭىلىق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئۆستۈرۈش مۇراسىمى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭ 1-ئاۋغۇست بىناسىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭجياڭىلىق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئۆستۈرۈلگەن راكېتا ئارمىيەسىنىڭ سىياسىي كومىسسارى يولداش شۈ جۇڭبوغا بۇيرۇقنامە بەردى.

  چۈشتىن كېيىن سائەت تۆت يېرىملاردا، ھەربىي ئۇنۋاننى ئۆستۈرۈش مۇراسىمى داغدۇغىلىق دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى. مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئىمزالىغان شاڭجياڭىلىق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئۆستۈرۈش بۇيرۇقنامىسىنى ئوقۇدى. مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يۇشيا ھەربىي ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  شاڭجياڭىلىق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئۆستۈرۈلگەن شۈ جۇڭبو ھەربىيچە سالاپەت، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىغا كەلدى. شى جىنپىڭ ئۇنىڭغا بۇيرۇقنامە بېرىپ تەبرىكلىدى. شاڭجياڭىلىق ھەربىي ئۇنۋان پاگونىنى تاقىغان شۈ جۇڭبو شى جىنپىڭغا سالام بەردى، مۇراسىمىغا قاتناشقان بارلىق يولداشلارغا سالام بەردى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ياڭرىدى.

  ھەربىي ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمى ياڭراق ئارمىيە مارشى ئىچىدە ئاياغلاشتى.

  مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن ۋېي فېڭخې، لى زوچېڭ، مياۋخۇا، جاڭ شېڭمىن ھەم مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئورگىنىنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق چوڭ ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى قاتارلىقلار ھەربىي ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ