مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەيلى

خەلق گېزىتى ئوبزورى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك

2020.08.07 15:32 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىشقا ئورۇنلىشىش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسىدۇر. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ، ئېلىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن سىياسەت سالمىقىنى تەڭشەش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى ياخشى يولغا قويۇپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتكەندىلا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  كارخانىلارنى مۇقىملاشتۇرۇش ئارقىلىق ھازىرقى ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا كەلتۈرگەن زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، زىچ ماسلىشىپ، مالىيە ۋە پۇل مۇئامىلە سىياسىتى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇپ، ھەمتۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش، كارخانىلارغا ياردەم بېرىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك يۆلەش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارىتىنى پائال مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىشنى ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، پائال ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق. نۆۋەتتە، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۈكىنى يېنىكلىتىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى باسقۇچلۇق كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى مۇقىم ئىش ئورنىدا قايتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. مالىيە، پۇل ۋە مەبلەغ سېلىش قاتارلىق سىياسەتلەردە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشنى قوللاش، مىكرو-ئوتتۇرا كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش قىيىن بولۇش، تەننەرخى يۇقىرى ۋە تەرتىپى كۆپ بولۇشتەك مەسىلىلەرنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، مىكرو-ئوتتۇرا كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا مەبلەغ سېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش؛ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان كەسىپلەرگە ئالدىن مەبلەغ سېلىپ، مەبلەغ سېلىش ۋە كەسىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاساسىي دائىرىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك.

  يېڭى كەسىپ ھالىتى ۋە يېڭى ئەندىزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق يېڭى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پۇرسىتىنى پائال كۆپەيتىش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش ۋە ئالاقە تورى قاتارلىق يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسىنى تىرەك قىلغان رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشى، ئېلىمىز ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى بىر چوڭ يارقىن نۇقتا ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى مۇھىم كۈچ بولۇپ قالدى. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى گەرچە لىنىيە ئاستىدىكى ئىقتىسادقا زور تەسىر كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن توردا ئىستېمال قىلىشنى ئالاھىدىلىك قىلغان رەقەملىك ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلىپ، نۇرغۇن ئىشقا ئورۇنلىشىشقا پۇرسەت ياراتتى. بۇنىڭدىن كېيىن يەنە 5 Gتورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، سانائەت ئالاقە تورى قاتارلىقلارنى قۇرۇش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، ماددىي ئەشيا يەتكۈزۈش، ساغلاملىق، ئاممىۋى سەھىيە قاتارلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ رەقەملىك تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ئىش ئورنى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈرۈپ، نۇرغۇن جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىش كېرەك. ئېلېكتىرونلۇق سودا تورىدا مال سېتىۋېلىش ۋە توردا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق يېڭى كەسىپلەر يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا مۇھىم رول ئوينىدى، بۇنىڭ ئۈچۈن، قوللاش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، «ئالاقە تورى +»نى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ