مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، لاتا ماسكىنىڭمۇ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى ئازايتىشقا ياردىمى بولىدىكەن

2020.08.06 16:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۋېتسىيىنىڭ بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا ئىسپاتلىنىشىچە، لاتا ماسكىنىڭمۇ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى ئازايتىشقا ياردىمى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ، يۇيۇپ قايتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان لاتا ماسكىنى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشياسى قىلىشنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئاساس بىلەن تەمىنلىدى.

  شىۋېتسىيە كارولىن تېببىي ئىنىستىتۇتى 3- چېسلا ئېلان قىلغان ئاخباراتتا مۇنداق دېگەن: بۇ ئىنستىتۇتنىڭ كانادا مېكماستېر ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بىرلىشىپ قانات يايدۇرغان ئورتاق تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، لاتا ماسكا ھەقىقەتەن ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى ئازايتىدىكەن ھەمدە دانچە ماددىلارنى سۈمۈرۈشنى ئازايتىش ئارقىلىق ماسكا ئىشلەتكۈچىلەرنى قوغدايدىكەن. بۇ تەتقىقاتتا 25 تۈردە ئاشكارا ئېلان قىلىنغان تەتقىقات ماتېرىياللىرى ئاساس قىلىنغان، ئوخشاش بولمىغان پاسون ۋە ئوخشاش بولمىغان ماتېرىياللاردىكى لاتا ماسكىنىڭ سۈزۈش ئىقتىدارىنى سېلىشتۇرغاندىن كېيىن، يۇقىرىقىدەك يەكۈن چىقىرىلغان. تەتقىقاتچىلار يەنە شۇنى بايقىدىكى، زىچ ۋە ئىنچىكە توقۇلغان سىدام رەختتىن، پاختا ۋە فلانېل رەختتىن ياسالغان لاتا ماسكىنىڭ قوغداش ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇنداق ماسكىلار ئەڭ ياخشىسى 3- 4 قەۋەت رەخت بىلەن تىكىلىشى كېرەك.

  كارولىن تېببىي ئىنىستىتۇتى ئېپىدېمىئولوگىيە پروفېسسورى كاررېرو ئاخباراتتا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ تەتقىقات گەرچە بىۋاسىتە تاسادىپىي كلىنىكىلىق تەجرىبە سانلىق مەلۇماتى ئارقىلىق ماسكا تاقاش يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى ئازايتىش ئۈنۈمىنى ئىسپاتلىمىغان بولسىمۇ، لېكىن تەتقىقات گۇرۇپپىسى تەتقىق قىلغان بارلىق ھۆججەتلەر شۇنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردىكى، بەزى لاتا ماسكىنىڭمۇ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى ئازايتىشقا ياردىمى بولىدىكەن.

  كاررېرو مۇنداق دېدى: گەرچە رەختنىڭ توقۇلما تالالىرى ئارىسىدىكى يوچۇقلارنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولسىمۇ، لېكىن لاتا ماسكا ئائېروزول تۈرىدىكى ئۇششاق دانچىلارنى توسۇپ قالالايدۇ، بۇ ئاڭلىماققا لوگىكىغا ئۇيغۇن ئەمەستەك تۇرسىمۇ، لېكىن سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، پاكىت ھەقىقەتەن شۇنداق ئىكەن، بەزى لاتا ماسكىلار ھەتتا دوختۇرلۇقتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا بىلەن ئوخشاش قوغدىنىش ئۈنۈمىگە يېتىدىكەن. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىر قەۋەتلىك رەخت بولسىمۇ بەزى دانچىلارنى توسۇپ قالغىلى بولىدۇ، ئەمما كۆپ قەۋەتلىك رەختنىڭ مۇداپىئە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. شۇڭا تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسەن، ماسكا تاقاش يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنى ئازايتىشتىكى مۇھىم تەدبىرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ھازىرقى تەكلىپىگىمۇ ماس كېلىدۇ .

  ئائېروزول دېگىنىمىز، ھاۋادا لەيلەپ يۈرىدىغان دانچىلارنى كۆرسىتىدۇ، دانچىلارنىڭ دىئامېتىرى ئادەتتە 100 مىللىمېتىردىن كىچىك بولىدۇ.

  ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ھەممىلا ئادەمنىڭ بىر قېتىملىق ماسكا ۋە داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا ئىشلىتىش شارائىتى بولۇۋېرىشى ناتايىن، ئەمما تېبىي خادىملار ۋە خەتەرلىك كىشىلەر توپى بۇ ماددىي ئەشيالارغا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق. شۇڭا، ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرىنىڭ ۋە ئۆزى ماسكا ياسىماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ ماسكا ياسىشى، يۇيۇشى ۋە ئىشلىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن، تەتقىقاتچىلار يەنە بىر تۈرلۈك قىبلىنامە چىقاردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ