مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئاسپىرانتلار مائارىپى خىزمىتىگە مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ، زور بىر تۈركۈم ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈش كېرەك

2020.07.30 17:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئاسپىرانتلار مائارىپى خىزمىتىگە مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، پات ئارىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش ئاساسىدا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم تاشلايمىز، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى-زور بىر تۈركۈم ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈشكە جىددىي موھتاج.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاسپىرانتلار مائارىپى-يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رولغا ئىگە. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ئاسپىرانتلار مائارىپىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاسپىرانتلار مائارىپىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئۈچۈن، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى ئۈچۈن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، پەن-تېخنىكىنىڭ ئالدىنقى ۋە ھالقىلىق ساھەلىرىنى نىشانلاپ، پەنلەر، كەسىپلەرنى تەڭشەشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، يېتەكچىلەر قوشۇنىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت جىددىي ئېھتىياجلىق يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى تېزدىن يېتىشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىق سېلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاسپىرانتلار مائارىپى-يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشتىكى مۇھىم بۇرچنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، جەمئىيەتنىڭ يۈكسىلىشىنىڭ مۇھىم ئۇلتېشى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئاسپىرانتلار مائارىپىدا تارىخىي ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، تۈركۈملىگەن مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار يېتىشتۈرۈلۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق جەڭ مەيدانى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېھتىياجى ۋە دۇنيانىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى قاتارلىق ئەڭ ئالدىنقى ساھەلەرگە يۈزلىنىپ، كۆپ ساھەلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشالايدىغان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش؛ ئاسپىرانتلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسىنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى، پەنلەر، دەرسلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ سەرخىللاشتۇرۇپ، پەن-تېخنىكا بىلەن مائارىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن مائارىپنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى چىڭىتىپ، ئاسپىرانتلارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارى، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنى مۇستەھكەم ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ