نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدا دۆلەت ئىچىگە قاتنايدىغان بىر قىسىم نۆۋەتچى ئايروپىلانلار قاتناۋاتىدۇ

2020.08.10 17:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى 8- ئاينىڭ 9- كۈنى سائەت 17 دە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 23- مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ تىجارەت ئەھۋالى ۋە ئايرودۇرۇمنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى تونۇشتۇرۇلدى.

  نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدا دۆلەت ئىچىگە قاتنايدىغان بىر قىسىم نۆۋەتچى ئايروپىلانلار تىجارەتنى داۋاماشتۇرماقتا. 7- ئاينىڭ 17- كۈنىدىن 8- ئاينىڭ 8- كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدا 847 نۆۋەتچى ئايروپىلان (قېتىم) ئۇچتى.

  ئايرودۇرۇم بولسا، ئادەملەر شەھەرگە كىرىدىغان ۋە شەھەردىن چىقىدىغان مۇھىم تۈگۈن، شۇنداقلا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىدىكى مۇھىم سورۇندۇر. ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى ئايرودۇرۇمدا ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى جياڭ يۇڭلۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئايرودۇرۇم يۇقۇمدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش گۇرۇپپىسى چىقىش ئۆتكىلىنى تېخىمۇ ئالدىغا يۆتكەش، بىرلىكتە تەدبىر قوللىنىش، دەل جايىدا تەكشۈرۈش ۋە بىخەتەر يۆتكەش قاتارلىق تەدبىرلەردە چىڭ تۇرۇپ، خەۋپ-خەتەر ئېھتىماللىقى بار كىشىلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۈستىگە ئالماقتا.

  بۇنىڭدا، بىرىنچىسى، تېز سۈرئەتتە ئىنكاس قايتۇرۇش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، بىرلەشمە مۇداپىئە كۆرۈش ۋە بىرلەشمە كونترول قىلىش كۈچەيتىلدى. يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەندىن كېيىن، تېزلىكتە ئايرودۇرۇمدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ، مەخسۇس كۈچ ئاجرىتىلىپ، ئۇچۇرلارنى تاللاپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى، تاللاپ تەكشۈرۈش ھەرىكەت گۇرۇپپىسى، نۇقتىلىق يولۇچىلارنى يۆتكەش گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ، تاللاپ تەكشۈرۈش، يوچۇقلارنى تولۇقلاش، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش قاتارلىق تۈزۈملەر مۇكەممەللەشتۈرۈلۇپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، يۇقۇملىنىشتا گۇمانىي بولغانلار ۋە قىزىپ قالغان خادىملار قاتارلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى تەرتىپلەر مۇكەممەللەشتۈرۇلدى.

  ئىككىنچىسى، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىگىلىدى. يۇقۇم ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، «يۇقىرى، ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن» دېگەن خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى بويىچە رايونلارغا ۋە تۈرگە ئايرىپ دەل جايىدا تەكشۈردى. ئۇچۇر تەكشۈرۈش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈش، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، تىزىملاش ۋە يولۇچى توشۇش قاتارلىق خىزمەت تەدبىرلىرىنى تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، ئۈرۈمچىگە كەلگەن يولۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى، يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى، ساغلاملىقنىڭ راۋان بولۇش كودى قاتارلىقلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، «توغرا تاللاپ تەكشۈرۈپ سېلىشتۇرۇش، تېز سۈرئەتتە ئادەمنى بۆلۈپ يۆتكەش، مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش ۋە مەھەللىلەردە بىرلەشمە مۇداپىئە كۆرۈش، بىرلەشمە كونترول قىلىش»نى پۈتۈن جەريان بويىچە يېپىق ھالقىلىق باشقۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  ئۈچىنچىسى، ئىش داۋامىدا ھەمتۈرتكە بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تېز سۈرئەتتە بۆلۈپ يۆتكىدى. ئايرودرومدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى تېز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىش ئىسخېمىسىنى ئىشلەپ، ئايرودۇرۇمدا ئادەم ئايرىش كارىدورى، ئايرىش رايونى ۋە ئوبوروت رايونى تەسىس قىلىپ، ئايرودۇرۇمدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، تاللاپ تەكشۈرۈش، يوچۇقلارنى تولۇقلاشقا جىددىي تاقابىل تۇرۇشتەك خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەۋپ-خەتىرى بارلار ۋە ئۇلار بىلەن قويۇق ئۇچراشقانلارنى تېز سۈرئەتتە يۆتكەش نەتىجىسىدە، گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشنىڭ خەۋپ-خەتىرى ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىلدى.

  تۆتىنچىسى، ئىللىق مۇلازىمەت گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، خىزمەت تەرتىپى قېلىپلاشقان ۋە بىخەتەر بولدى. ياشانغانلار يانفۇنى ئىشلەتكەن ۋە تىل ئالاقىسى راۋان بولمىغان دېگەندەك ئەھۋاللار تۈپەيلى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن «ئىككى ئۆلچەملىك كود» ئارقىلىق ئۇچۇر تولدۇرۇشقا ئامالسىز قالغان كىشىلەر توپىغا قارىتا مەخسۇس يول ئېچىپ، ئۇنداقلارنى سۇنئىي تەكشۈرۈپ تىزىملاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. نورمال يولۇچىلارنى ئاروپورتتىن بىخەتەر چىقىشقا يېتەكلەپ، بەدەن سېزىمىنى ئۆلچەيدىغان 12 دانە تېرمومېتىر بىلەن «تولۇق قاپلاش» ئارقىلىق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، يولۇچىلارنىڭ تۇرۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ