ئۈرۈمچى پوچتىسى: ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى 10- چېسلادىن باشلاپ يەتكۈزۈلىدۇ، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ياكى پىدائىيلار يەتكۈزۈپ بېرىدۇ

2020.08.10 17:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى 8- ئاينىڭ 9- كۈنى سائەت 17 دە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئەھۋالى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 23- مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى.

  جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى شۆبە شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى خۇاڭ يەنپىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن پوچتا يوللانمىلىرىنىڭ بىخەتەر ۋە دەل جايىدا يەتكۈزۈلۈشىنىڭ «ئىككى تۆۋەن چىكى»نى مەستەھكەملەش ئۈچۈن، بىز مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت پوچتا ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار تەلىپى بويىچە «يېشىل يول» ئېچىپ، مەخسۇس ئادەم مەسئۇل بولۇپ بىر تەرەپ قىلىش، ئايرىم بىر تەرەپ قىلىش، ئالدىن بىر تەرەپ قىلىش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نازارەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ھەر بىر پارچە قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنىڭ بىخەتەر، ۋاقتىدا ۋە توغرا يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز.

  نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى يەتكۈزۈش خىزمىتى داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى يەتكۈزۈش خىزمىتى 10- چېسلادىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك باشلىنىدۇ.

  جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى شۆبىسى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى يەتكۈزگۈچىلەرگە قارىتا «يەتكۈزۈشتە خاتالىق مۇتلەق كۆرۈلمەسلىك، يىتتۈرۈپ قويۇش خاتالىقى مۇتلەق كۆرۈلمەسلىك» تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى، خىزمەت تەرتىپى بويىچە تەربىيەلەش، نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈش جايىدا بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يوللانمىلارنىڭ نۇقسانسىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشماقتا.

  بۇنىڭدا، بىرىنچىسى، ئۇقتۇرۇشنى يەتكۈزۈشتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يوللانمىنى دېزىنفېكسىيە قىلىپ باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش ۋە پوچتا يوللانمىلىرىنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەش كېرەكلىكى تەكىتلەندى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ھەر قايسى ئورۇنلارغا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەسلىھەلىرىنى سەپلەپ بېرىپ، تارقىتىپ يەتكۈزۈش خادىملىرىنىڭ پۈتۈن مۇساپىلىك ماسكا تاقىشى، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىتىشى تەلەپ قىلىندى، بارلىق پوچتا يوللانمىلىرىنى ئۇلترابىنەپشە نۇر ئارقىلىق دېزىنفېكسىيە قىلىپ باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش، پوچتا يوللانمىلىرىنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارنى ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم دېزىنفېكسىيە قىلىش تەلەپ قىلىندى، نۇقتىلىق رايونلاردىكى يەتكۈزۈش خادىملىرىدىن قوغدىنىش كىيىمى كىيىش ۋە كۆز ئاسراش ئەينىكىنى تاقاش تەلەپ قىلىندى.

  ئىككىنچىسى، مەسئۇلىيەتنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن مۇساپىلىك باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىش جايىدا بولۇش كېرەكلىكى تەكىتلەندى. بۇنىڭدا، ئىشتىن بۇرۇنقى تەربىيىلەشنى كۈچەيتىپ، قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى ئايرىم ئۆتكۈزۈپ بېرىش-تاپشۇرۇۋېلىشنى تىزىملاش ھەمدە بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈش كېرەكلىكى تەلەپ قىلىندى. دەل جايىدا يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى يەتكۈزۈش، قول قويۇپ ئېلىش تەرتىپىنى چىڭىتىش ئۈچۈن، يەتكۈزگۈچى چوقۇم مۇددەتتىن بۇرۇن تاپشۇرۇۋالغۇچىلار بىلەن تېلېفوندا ئالاقىلىشىپ، تاپشۇرۇۋالغۇچى تۇرۇشلۇق مەھەللە بىلەنمۇ ۋاقتىدا ئالاقىلىشىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى. ئۇقتۇرۇشلارنى مەھەللە خىزمەتچىلىرى ياكى پىدائىيلار يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ياخشى خاتىرىلەپ، ۋاقتىدا زىيارەت قىلىپ، يەتكۈزۈش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنىڭ يۈتۈپ كېتىش ۋە بۇزۇلۇپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەكلىكى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

  ئۈچىنچىسى، سىستېمىلىق نازارەت قىلىپ كونترول قىلىپ، يەتكۈزۈش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى. زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋاسىتىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، سىستېما سۇپىسى ئارقىلىق ھەر كۈنى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنىڭ يەتكۈزۈلۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، قوبۇل قىلىش-تارقىتىش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى يەتكۈزۈش ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلار خاتىرجەم بولۇڭلار. بىز بۇ قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى چوقۇم بىخەتەر ۋە ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىمىز، دېدى خۇاڭ يەنپىڭ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ