خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:
قانچە ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەنسېرى، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى يوقىتىپ قويۇشقا شۇنچە بولمايدۇ.
ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئالالىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشقا جۈرئەت قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان روشەن سىياسىي پەزىلەتكە تايانغان. پارتىيە تارىخىغا نەزەر سالساق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەمىشە ئىجتىمائىي ئىنقىلابنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، باشتىن-ئاخىر ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، خاتالىقنى تۈزىتىپ، مەسىلىگە توغرا قاراشقا جۈرئەت قىلىپ، كەمچىلىكلەرنى تۈگىتىپ، سۆڭەكنى قىرىپ زەھەرنى داۋالاشقا جۈرئەت قىلىپ، چىرىندىلەرنى تازىلاپ، مۇسكۇللارنى كۈچەيتىشكە جۈرئەت قىلىپ كەلگەن. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرى سۈردى، «تۆت ئىستىل» مەسىلىسىنى بوشاشماي تۈزىدى، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان بارلىق پاسسىپ ئامىللارنى داۋاملىق قەتئىي تازىلاپ، ياخشى ئىستىل، ياخشى ئوبراز ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنى يېتەكلەپ، «جۇڭگونى ئىدارە قىلىش» يېڭى مەنزىلىنى ئېچىپ، ئەسلىي مەقسەت، مەڭگۈلۈك بۇرچ ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئۇلۇغ ئىشلىرىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتتى.
ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش ئاسان ئىش ئەمەس، چوقۇم كۈچلۈك بولغان ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بولۇشى كېرەك. پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شارائىتىدا پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان، پارتىيەنىڭ پاكلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ھەر خىل ئامىللار ھەر ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچقا خىلاپلىق قىلىدىغان، پارتىيەنىڭ ئاساسىنى تەۋرىتىدىغان ھەر خىل خەۋپ-خەتەر ھەممە يەردە بار، پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان ئىدىيە ساپ بولماسلىق، سىياسىي ساپ بولماسلىق، تەشكىل ساپ بولماسلىق، ئىستىل ساپ بولماسلىق قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەر تېخى تۈپتىن ھەل قىلىنمىدى، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش ۋەزىپىسى ئېغىر، يول يىراق، توختاپ قېلىش، ئارام ئېلىش خىيالىدا بولۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ. پەقەت ئۈزۈل-كېسىل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر ۋاقىت ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچ ۋە ۋەزىپىلەرنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچىغا خىلاپ تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان، پارتىيەنىڭ پاكلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق ئامىللارنى قەتئىي تۈگەتكەندىلا، ئاندىن پارتىيەنى باشتىن-ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، خەلق چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىدىغان، تۈرلۈك بوران-چاپقۇننىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، جۇشقۇن ماركسىزملىق ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە قىلىپ قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ.
ياخشى باشلىغان ئىشنى ئاخىرىغىچە ياخشى ئېلىپ بېرىش كېرەك. يېڭى تارىخىي شارائىتتا، بىز داۋاملىق ئەسلىي مەقسەتنى پۇختىلاپ، بۇرچىمىزدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاپ قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابنىڭ غەلىبىدىن ئۈزلۈكسىز يېڭى غەلىبىگە قاراپ مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ