مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدا ئوقۇش پۈتكۈزگەن يەتتە خىل ئوقۇغۇچىلار 1000 يۈەنلىك بىر قېتىملا بېرىلىدىغان خىزمەت ئىزدەش، ئىگىلىك تىكلەش ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ

2020.08.11 17:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  2020-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭدا ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت ئىزدەش، ئىگىلىك تىكلەش ياردەم پۇلى بېرىش ئوبيېكتى دائىرىسى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلاردىن ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ (تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)لەردىكى شەرتكە چۈشىدىغان قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا كېڭەيتىلگەن بولۇپ، بۇلار بىر قېتىملا بېرىلىدىغان 1000 يۈەنلىك خىزمەت ئىزدەش، ئىگىلىك تىكلەش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، بۇ سىياسەت شىنجاڭدىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ 9-ئاۋغۇست ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ياردەم پۇلى بېرىش ئوبيېكتى ئاپتونوم رايون دائىرىسىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بولغان، پائال خىزمەت ئىزدەۋاتقانلار ھەمدە يەتتە خىل ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئوقۇش يىلى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ۋە تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  يەتتە خىل ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: شەھەر-يېزىلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلىلەردىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار؛ جىسمانىي جەھەتتىن مېيىپ بولغان ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار؛ دۆلەت ئوقۇشقا ياردەم بېرىش قەرز پۇلى ياكى ئوقۇغۇچى تەۋە رايوننىڭ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش قەرز پۇلىغا ئېرىشكەن ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار؛ ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار؛ نامرات مېيىپلەر بار ئائىلىدىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار؛ ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار قامدايدىغان ئائىلىدىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار؛ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەزگىلىدە رايونغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەردىكى خۇبېيلىق بۇ يىل ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار.

  يۇقىرىقى يەتتە شەرتنىڭ بىرىگە ئۇيغۇن كەلسىلا، خىزمەت ئىزدەش، ئىگىلىك تىكلەش ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ھەر بىر ئادەمگە 1000 يۈەندىن بىر قېتىمدىلا ئىش ئىزدەش، ئىگىلىك تىكلەش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ، تەكرار بەھرىمەن بولۇشقا بولمايدۇ.

  خىزمەت ئىزدەش، ئىگىلىك تىكلەش ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلغاندا، ئىلتىماس قىلغۇچىلار تۇرۇشلۇق مەكتەپنىڭ ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلىرى شۇ يىللىقتىكى شەرتكە چۈشىدىغان ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ، «شىنجاڭنىڭ خىزمەت ئىزدەش، ئىگىلىك تىكلەش ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلىش جەدىۋىلى»نى تولدۇرىدۇ ھەمدە تەلەپ بويىچە ئالاقىدار ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرىدۇ. شارائىتى يار بېرىدىغان رايونلار ۋە مەكتەپلەر ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئۇچۇر سىستېمىسى بىلەن تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق خادىملارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى سېلىشتۇرسا بولىدۇ، سىستېمىدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغىلى بولىدىغانلار ئالاقىدار ئىسپات ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلىمىسىمۇ بولىدۇ.

  مەكتەپ تۇرۇشلۇق جايدىكى مالىيە تارماقلىرى بەلگىلىمە بويىچە شۇ جايدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى تەكشۈرۈشكە يوللىغان ماتېرىياللارنى قايتا تەكشۈرۈپ، شەرتكە چۈشىدىغانلارغا قارىتا ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسىي بانكا ھېساباتىغا بىۋاسىتە تولۇقلاش ياكى مەكتەپ پۇل يۆتكەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ياردەم پۇلىنى ئاجرىتىپ بەرسە بولىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، خىزمەت ئىزدەش، ئىگىلىك تىكلەش ياردەم پۇلى − ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىدىغان ئېتىبار بېرىش سىياسىتى بولۇپ، بۇ يىلدىن باشلاپ ياردەم پۇلى بېرىش ئۆلچىمى بىر قېتىمدا 800 يۈەندىن 1000 يۈەنگە ئۆستۈرۈلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تولۇقلىما بېرىش ئوبيېكتىنىڭ دائىرىسى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر (تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)گىچە كېڭەيتىلگەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل خىزمەت ئىزدەش، ئىگىلىك تىكلەش ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىش تەرتىپىدە، شىنجاڭدا يەنە ئىلتىماس قىلىشنىڭ ئىسپات ماتېرىياللىرى ئىخچاملىنىپ ۋە ئىلتىماس قىلىش تەرتىپى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ سىياسەتتىن بەھرىمەن بولۇشىغا قولايلىق يارىتىلىدىكەن. ئۇچۇر سىستېمىسى، چوڭ سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق سېلىشتۇرۇش، ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ۋە كەسىپنى ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارغا تايىنىپ، سىياسەتكە ئىلتىماس قىلغان خادىملارنىڭ ئالاقىدار ئۇچۇر ۋە ماتېرىياللىرىغا ئېرىشكەن ياكى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان بولسا، بۇ ئۇقتۇرۇش ئاساسىدا يەنە ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ئىخچاملاپ، سىياسەتتىن بەھرىمەن بولۇشقا ئەڭ زور دەرىجىدە قولايلىق يارىتىشقا بولىدىكەن، بۇ يىل 10-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تولۇقلىما بېرىش خىزمىتى تاماملىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ