مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى ئوبزورى: ئۇيغۇرلارنى پىلانلىق تۇغۇتقا مەجبۇرلىدى، دېگەنلىك، بۇ پۈتۈنلەي قۇرۇق گەپ !

2020.08.10 17:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چېگرا سىرتىدىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭنى پاراكەندە قىلماقچى بولغان قارا نىيىتى يەنە باش كۆتۈرۈپ قالدى. يېقىندا ئۇلار يېڭى پىتنە-ئىغۋالارنى توقۇپ چىقىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تۇغماسلىققا، ھامىلىنى چۈشۈرىۋېتىشكە ۋە پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇشقا مەجبۇرلاپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى داۋاملىق خورلىدى ۋە باستۇردى، شۇنىڭ بىلەن «شەكلى ئۆزگەرگەن ئىرقىي قۇرۇتۇش»نى يولغا قويماقچى بولدى، دېدى. بۇ ئۇلارنىڭ جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ھاقارەتلىشىدىكى يەنە بىر ھەرىكىتىدۇر. لېكىن، ئۇلارنىڭ بۇ خىل ھەرىكىتى چوقۇم بىھۇدە ئاۋارە بولۇش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

  «ئۇيغۇرلارنى پىلانلىق تۇغۇتقا مەجبۇرلاش»، بۇ پۈتۈنلەي قۇرۇق گەپ. ئەمەلىيەت ئەڭ ياخشى رەددىيە بەرگۈچى. خۇددى جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئېيتقاندەك، 1978- يىلىدىن 2018- يىلىغىچە، شىنجاڭ رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 5 مىليون 550 مىڭدىن 11 مىليون 680غا كۆپەيدى، بۇ، 40 يىل ئىلگىرىكى نوپۇسنىڭ 2.1 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ئىزچىل رەۋىشتە بارابەر ۋە ئوخشاش كۆرۈپ كەلدى، نوپۇس سىياسىتى ئۇزاقتىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ مۇئامىلە قىلىپ كەلدى. ئەگەر يامان غەرەزلىك كىشىلەرنىڭ دېگىنى راست بولىدىغان بولسا، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى قانداق بولۇپ زور دەرىجىدە ئاشقان بولاتتى؟ 2016- يىلى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى نوپۇسنىڭ تەرەققىياتى ھەمدە ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە ئاساسەن، ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى توغرىسىدا مۇھىم تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامىغىمۇ تۈزىتىش كىرگۈزدى. «شەھەر-بازار ئاھالىسى ھېسابلىنىدىغان بىر جۈپ ئەر-خوتۇن ئىككى پەرزەنتلىك بولسا بولىدۇ، يېزا ئاھالىسى ھېسابلىنىدىغان بىر جۈپ ئەر-خوتۇن ئۈچ پەرزەنتلىك بولسا بولىدۇ» دەپ چىقىرىلغان سىياسەتنىڭ ئۈستىگە يەنە «ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىچىدە بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ھالدا پەرزەنتلىك بولغانلارنىڭ دۆلەت بەلگىلىگەن تۇغۇت دەم ئېلىش مۇددىتىگە يەنە 60 كۈن كۆپەيتىلىدۇ.» دېگەن قوشۇمچە سىياسەتمۇ ئىلاۋە قىلىندى. بۇ، يېڭى نىزامدا ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر بىر پۇقراغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى يەنىمۇ نامايەن قىلدى.

  خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇقتۇر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتۈشتىن باشلاپ، 12 يىل ھەقسىز مائارىپنى يولغا قويۇش، ئاندىن يېزا ئاياللىرى قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشتى. ئايال كادىرلارنىڭ نىسبىتى %50كە يېقىنلاشتى، ئاياللارنىڭ ھامىلدارلىقتىكى ئۆلۈش نىسبىتى تۆۋەنلەپ، 100 مىڭ كىشىدىن 33ى ئۆلۈشتەك نىسبەتكە چۈشتى، پىلانلىق تۈردە ئىممۇنىتېتلىق ئەملەش نىسبىتى %90تىن ئاشتى. بىرمۇ بىر سىتاتىستىكا قىلىنغان بۇ سانلىق مەلۇماتلار شۇنى نامايان قىلىدۇكى، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ھوقۇقى ئومۇميۈزلۈك كاپالەتلەندۈرۈلدى ۋە تولۇق قوغدالدى. ئەمما، بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشىش ئاسانغا توختىمىدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى بۇ بەختلىك تۇرمۇشنىڭ ۋەيران بولۇشىغا ھەرگىز يول قويمايدۇ.

  شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلە ئەسلى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشقا ئائىت مەسىلىدۇر. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىنىڭ مۇداپىئە تېمىنى مەستەھكەملىدى. چېگرا سىرتىدىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش نەتىجىلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سېلىش بىلەنلا قالماي، ئەكسىچە تېخى يامان نىيەتتە ئازارلىدى. بۇ، كىشىلىك ھوقۇق دېگەننىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ قولىدىكى بىر نىقاب ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئاتالمىش «شىنجاڭ مەسىلىسى» دېگەندىن پايدىلىنىپ جۇڭگو ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت، ئاتالمىش «كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى» دېگەندىن پايدىلىنىپ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سېلىش ۋە جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەشتىن ئىبارەت. بۇنى ھەرقايسى ئەللەردىكى ئوقۇمۇشلۇق زاتلار ئېنىق كۆرەلەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا ھەرگىز قوشۇلمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ