مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش ۋە ئاساس سېلىشتا ئىزچىل چىڭ تۇرۇش كېرەك

2020.08.11 17:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش ۋە ئاساس سېلىش خىزمىتىنى پۇختا ۋە ياخشى ئىشلەپ، ھەر بىر ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇشتا، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش ۋە ئاساس سېلىشتا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي قاتلامنى كۈچەپ تۇتۇپ، ئاساس سالدى. 2018- يىلى 11- ئايدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياچېيكا خىزمىتى نىزامى (سىناق نۇسخىسى)»نى بېسىپ تارقىتىپ، پارتىيە ياچېيكىسى بولسا پارتىيەنىڭ ئاساسىي تەشكىلاتى، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىدىكى ئاساسىي بۆلىكى، پارتىيەنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىدىكى جەڭگىۋار قورغىنى، ھەمدە پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمىتى ۋە جەڭگىۋارلىقىنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. 2019- يىلى 5- ئايدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «شەھەر ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، يېڭى دەۋردىكى شەھەر ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. 2019- يىلى 9- ئايدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېزا خىزمىتى نىزامى»نى بېسىپ تارقىتىپ، يېزا پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى پارتىيەنىڭ يېزا خىزمىتىدىكى ئاساسلىق ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى قىلىپ، تەشكىلىي كۈچىنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، سىياسىي فۇنكسىيەسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى خىزمىتى نىزامى»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى خىزمىتى نىزامى (سىناق نۇسخىسى)»نى بېسىپ تارقاتتى. بۇ زور تەدبىرلەر پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى سۈپىتىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش ۋە ئاساس سېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش بولسا، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى، پارتىيەمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ مېڭىشىدىكى قىممەتلىك تەجرىبىسىدۇر. ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھاتنىڭ ھەرقايسى دەۋرلىرىدە، پارتىيىمىز توغرا لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلەرنى تۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىپلا قالماستىن، بەلكى پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ ئاساسىي قاتلامدا چوڭقۇرلىشىشى ۋە مۇستەھكەملىنىشىنى تەكىتلىدى. پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىدا، پارتىيەمىز قۇرۇلغان مەزگىلدە «ياچېيكا بولسا پارتىيەنىڭ ئاساسىي تەشكىلاتىدۇر» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى قوراللىق كۈرەشنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، پارتىيەمىز «ياچېيكىنى ليەندە قۇرۇش»نى ئىجادىي رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەجرىبىلەرنى شەكىللەندۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ