مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، ھەر تەرەپلىمە گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ، ياخشى سودا مۇھىتىنى تېز بەرپا قىلىش لازىم

2020.08.11 17:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  باش شۇجى شى جىنپىڭ جىلىندا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە: «ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، بازارلاشقان، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان، خەلقئارالاشقان سودا مۇھىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك»، دەپ كۆرسەتتى. ياخشى سودا مۇھىتى − تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مۆلچەرىنى ئۈنۈملۈك مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي بايلىق ئامىللىرىنى كەڭ دائىرىدە توپلايدىغان بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ زۆرۈر شەرتى. ياخشى سودا مۇھىتى يارىتىش − ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تۇتقا ھېسابلىنىدۇ.

  ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك. ئادىل رىقابەت − بازار ئىگىلىكىنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى، شۇنداقلا بايلىق تەقسىملەشنى سەرخىللاشتۇرۇش، بايلىق تەقسىملەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتى ياراتقاندا، ئوخشاش بولمىغان بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىغا باراۋەر ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئامىللارنى تەقسىملەشتە بازار قائىدىسى، بازار باھاسى، بازار رىقابىتىگە ئاساسەن ئۈنۈمنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش ۋە ئۈنۈمنى ئەڭ ئەلالاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

  يۇقىرى ئۈنۈملۈك، پاك بولغان ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك. پاك، ھۆكۈمەت بىلەن يېقىن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىپ، رەھبىرىي كادىرلارنى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە كارخانىچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ۋە زېھىن سەرپ قىلىپ كۆڭۈل بۆلۈشكە، ئوچۇق- ئاشكارا ھالدا كارخانا بىلەن ئالاقە قىلىشقا، كارخانىچىلارنىڭ ئويلىغانلىرى، قىيىنچىلىقىنى چۈشىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، كارخانىلارغا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تۈزۈشتە كارخانىچىلارنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى كۆپرەك ئاڭلاش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھوقۇق-پۇل سودىسى، سودا پارىخورلۇقى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ھۆكۈمەت-سودا مۇناسىۋىتى ۋە سودا مۇھىتىغا زىيان يەتكۈزۈشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  ئاشكارا بولغان قانۇن ئىدارە قىلىش مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك. قانۇن ئىدارە قىلىش − ئەڭ ياخشى سودا مۇھىتى بولۇپ، ئادەم-بايلىقلارنى ئەڭ ياخشى توپلىيالايدۇ، تەرەققىياتقا ئەڭ پايدىلىق. ئاشكارا قانۇن ئىدارە قىلىش مۇھىتى يارىتىشتا، باراۋەر قوغداشنى قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىش قاتارلىق ھالقىلاردا ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە باراۋەر قوغداش كېرەك. قانۇن ئىدارە قىلىش ئارقىلىق ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ چېگراسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، بازار ئىگىلىكى قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش، بازارلاشتۇرۇش ۋاسىتىسى ئارقىلىق، قانۇن ئىدارە قىلىش رامكىسى ئىچىدە تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش كېرەك.

  ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان ئادىمىيەت مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك. تۈرلۈك يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىلەرگە قارىتا ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان روھىي ھالەتنى ساقلاپ، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىپ، مەغلۇبىيەتكە كەڭ قورساق بولۇپ، باشلامچىلىق قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، دادىل ئىزدىنىپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى قوللاپ، شەرقىي شىمال رايونى ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىجتىمائىي ئەخلاق، كەسپىي ئەخلاق، ئائىلە گۈزەل ئەخلاقى، شەخسىي ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈپ، قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، لەۋزىدە تۇرۇش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش قاتارلىقلارنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئادەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ