مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۇقىرىغا مەسئۇل بولۇش بىلەن تۆۋەنگە مەسئۇل بولۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش لازىم

2020.08.11 17:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى بېسىپ تارقاتقان «ئاساسىي قاتلامنى قىيناۋاتقان شەكىلۋازلىق مەسىلىلىرىنى داۋاملىق ھەل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك ئىستىل كاپالىتىگە ئىگە قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەلق مەنپەئەتىنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى باشتىن-ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، يۇقىرىغا مەسئۇل بولۇش بىلەن تۆۋەنگە مەسئۇل بولۇشنى ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، رەھبەرلىك رازى بولىدۇ، دەپ ئاممىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان ئەخمىقانە ئىشنى ھەرگىز قىلماسلىق كېرەك».

  پارتىيەمىزنىڭ ئاساسىي مەقسىتى − جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش؛ ئەڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىش-كەلمەسلىك − پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۆلچىمىدۇر. ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن يەنە بەزىلەر ئۆزىچە رەھبەر رازى بولىدۇ، دەپ ئاممىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلىدۇ؟

  ئايرىم رەھبىرىي كادىرلار مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلانغاندا، ئومۇمىيەتنى چىقىش قىلمايدۇ، بەلكى تار مەھكىمىچىلىكنى چىقىش قىلىپ، ئۆز مەنپەئەتىنىڭ پايدا- زىيىنى ئۈستىدە ئويلىنىدۇ، ئۆزىنىڭ بېشىدىكى ئەمەلدارلىق قالپىقىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمايدۇ، ئەپلەپ-سەپلەپ ئىش قىلىدۇ، ئىستىلدا دۇرۇس بولمايدۇ. خىزمەتتە چېچىلاڭغۇلۇق، سۆرەلمىلىك قىلىپ، مەسىلىگە يولۇققاندا ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، باشقىلارغا ئىتتىرىدۇ، خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈپ، شۇم خەۋەرنى مەلۇم قىلمايدۇ، ھەتتا ساختىپەزلىك قىلىپ، يۇقىرىدىكىلەرنى ئالداپ، تۆۋەندىكىلەردىن يوشۇرۇپ، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. بۇنداق رەھبىرىي كادىرلار ھەمىشە ئۆزىنىڭلا رازى بولۇشى بىلەن ھېسابلىشىپ، ئاممىنىڭ رازىلىقى بىلەن ھېسابلاشمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن، تۆۋەندىكىلەرمۇ ئاسانلا ياخشىچاق بولۇپ، ئاممىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان ئىشلارنى قىلىدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شەكىلۋازلىق ماھىيەتتە سۇبيېكتىپچىلىق، مەنپەئەتپەرەسلىك بولۇپ، بۇنىڭ مەنبەسى نەتىجە قارىشىنىڭ خاتا بولۇشى، مەسئۇلىيەتچانلىقنىڭ يوق بولۇشى بىلەن داغدۇغىلىق شەكىلنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، گۈزەل تاشقى قىياپەت بىلەن زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى يوشۇرىدۇ. «رەھبەرنى رازى بولىدۇ، دەپ ئاممىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان ئەخمىقانە ئىشنى ھەرگىز قىلماسلىق» ئۈچۈن توغرا نەتىجە قارىشى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، خەلق مەنپەئەتىنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يۇقىرىغا مەسئۇل بولۇش بىلەن تۆۋەنگە مەسئۇل بولۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. ئەخمىقانە ئىش قىلغان كادىرلارنى ئىنتىزام ۋە قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

  بەزىدە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە مەقسىتى ياخشى بولۇپ، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاممىنى رازى قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئاممىمۇ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ خىزمەتنى ياخشى ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ۋە قوللايدۇ. لېكىن مەسىلىلەرگە مۇئامىلە قىلىش نۇقتىسى، ئۇچۇرنى ئىگىلەش دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدا ئاسانلا خاتالىق يۈز بېرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا، ئورۇن ئالماشتۇرۇپ ئويلىنىشقا توغرا كېلىدۇ. رەھبىرىي كادىرلار ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ، ئاممىنىڭ غېمىنى يەپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەپ، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەپ، قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامما بىلەن بىرلىكتە ياخشى ئىشلارنى ياخشى قىلىشى كېرەك.

  يۇقىرى بىلەن تۆۋەنگە قارىتا بىر نىيەتتە بولغانلار غەلىبە قىلىدۇ. ئاساسىي قاتلامنى قىيناۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، يۇقىرىغا مەسئۇل بولۇش بىلەن تۆۋەنگە مەسئۇل بولۇشنى بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، رەھبەرلەر رازى بولۇش بىلەن ئامما رازى بولۇش ئوتتۇرىسىدا تىرىشىپ، تەڭلىك بەلگىسى قويۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ