مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«كۆپچىلىك بېيىسا ئاندىن ھەقىقىي بېيىش ھېسابلىنىدۇ»

___ بېيىش باشلامچىسى تاھىر قاۋۇل توغرىسىدا

2020.08.11 17:06 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  [ھېكايە]

  تاھىر قاۋۇل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسى تار تاجىك مىللىي يېزىسى كۇزۇ كەنتىنىڭ ئاھالىسى. بىر نەچچە يىل ئىلگىرى، ئۇ كەنت تەرىپىدىن ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن، كېيىن سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ، بىر ئاز كىرىم قىلغان، تۇرمۇشىمۇ بارغانسېرى ياخشىلانغان ئىدى. ئۇ، ئۆزى بېيىسا بېيىغانلىق ھېسابلانمايدۇ، كۆپچىلىكنىڭ بېيىشى ھەقىقىي بېيىغانلىق، دەپ قارىدى. شۇنىڭ بىلەن 2014-يىلى ئۇ 12 نامرات ئاممىنى باشلاپ سىرتقا چىقىپ ئۈچ ئاي ئىشلەپ، ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 16 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدى؛ 2015-يىلى 15 نامرات ئاممىنى ئىككى ئاي ئىشلەشكە يېتەكلەپ، ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 15 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشلەمچىلىك قىلىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنى تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەشكە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇردى، كەنتنىڭ يولىنى تۈزلىدى، كەنتكە مەكتەپ سېلىپ بەردى، كەنت ئاھالىلىرىگە بېيىش يولى ئېچىپ بەردى. 2019-يىلى تاھىر قاۋۇل مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ئىلگىرىلەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  [باھا]

  يول ياساش، قوتان سېلىش، ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش... بۇ يىل تاھىر قاۋۇل ئىزچىل ئالدىراش بولۇپ، ئىككى قولى زادىلا بىكار بولالمىدى. دەل مۇشۇ بىر جۈپ ئەمگەكچان قولىغا تايىنىپ، سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىپ توپلىغان تەجرىبىسى، چوڭ تىپتىكى ماشىنىلاردا پىششىق مەشغۇلات قىلىش ماھارىتىگە تايىنىپ، تاھىر قاۋۇل بىر قۇرۇلۇش ئەترىتى قۇرۇپ، نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلىدى.

  سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما، دەيدىغان سۆز بار. كىچىكىدىن نامرات ئائىلىدە چوڭ بولغان تاھىر قاۋۇلنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى شۇ جايدىكى پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى، مەكتەپ ۋە ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ، بۇنىڭدىن ئۇ ئىزچىل مىننەتدار بولۇپ كەلدى. ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يۇرتىنىڭ ئىشلىرى، مائارىپ ئىشلىرى بولسىلا، ئۇ ھەممىسىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرىدىغان بولۇپ، تاھىر قاۋۇل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ئەسلىنى ئۇنتۇمايدىغان، بېيىشتا يىلتىزىنى ئۇنتۇمايدىغان نەمۇنىچىلاردىن بولۇپ قالدى. ئەمەلىيەتتە، تاھىر قاۋۇلغا ئوخشاش يۇرتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىدىغان بېيىش باشلامچىلىرى ئاز ئەمەس، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يۇرتىدا نامراتلارنى يۆلەش سېخى قۇرۇپ ياكى نامرات ئائىلىلەرگە تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق تېخنىكىسى ئۆگىتىپ، تۈركۈملىگەن نامرات ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى. ئاۋۋال بېيىغان ھەمدە يۇرتىنى ئۇنتۇپ قالمىغان بۇ ئۈلگىلەر بولغاچقا، نامرات ئامما نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشەنچىسىنى چىڭىتتى، شۇنداقلا ئىشەنچىلىك يول تېپىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى.

  تاھىر قاۋۇل مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك ئىتتىپاقلاشقاندىلا، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلغىلى، كىرىمنى ئۇزاققىچە سىجىل ئاشۇرغىلى بولىدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە قوللىشى بار، يۇرتداشلار بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ بىرلىكتە تىرىشسىلا، نامرات ئاممىنىڭ باي بولۇش، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش، ھەمياننى تومپايتىش ئارزۇسىغا يېتىشى ئانچە يىراق بولمايدۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشمۇ چوقۇم ئۆز قەرەلىدە ئەمەلگە ئاشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ