مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

رەقەملەشتۈرۈش تېخنىكىسى جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ ئۈسكۈنىلىرى، تېخنىكىسى، خادىملىرى، ھۈنەر- سەنئىتى، تەرتىپى قاتارلىقلارنى ھەمبەھىرلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ

ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان ياسىمىچىلىق كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشىدۇ

2020.08.12 17:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  نۆۋەتتە ئىقتىسادىي ۋەزىيەت يەنىلا مۇرەككەپ، كەسكىن، مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق بىر قەدەر چوڭ، ئېلىمىزنىڭ جابدۇقچىلىق كەسپى نۇرغۇن خەۋپ- خەتەر ۋە خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەرەققىياتنىڭ يولىنى قانداق ئىزدەش كېرەك؟ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ماشىنىسازلىق سانائىتى ئاقىللار ئامبىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ماشىنىسازلىق سانائىتى ئۇچۇر تەتقىقات يۇرتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بەس-بەستە تەكلىپ بەردى.

  ماشىنىسازلىق سانائىتى ئۇچۇر تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شى يۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىرتتىن قارىغاندا، دۇنيا ئىقتىسادى ئېغىر چېكىندى، كەسىپ زەنجىرىدىكى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئايلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى، دۇنيا ياسىمىچىلىقىنىڭ قىممەت زەنجىرى ۋە كەسىپ زەنجىرى قايتا تۈزۈلۈشكە دۇچ كەلدى؛ ئىچكى جەھەتتىن قارىغاندا، ئېلىمىزنىڭ جابدۇق ياسىمىچىلىقىدىكى نۇرغۇن كونا مەسىلىلەر ۋە يېڭى خەۋپ- خەتەرلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدا بولۇپ، كەسىپنىڭ ئىچكى ئېلاستىكىلىقىنى سىنىماقتا.

  شى يۇڭ: «قوش بېسىم ئاستىدا، ئېلىمىزنىڭ جابدۇقچىلىق كەسپىدە يېڭى تېخنىكا ئىنقىلابى ئېلىپ كەلگەن كۆزنەك مەزگىلى ۋە پۇرسەت مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، تىپ ئۆزگەرتىپ ئېنېرگىيە بېرىشنى تېزلىتىپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈش كېرەك»، دېدى.

  ماشىنىسازلىق سانائىتى ئاقىللار ئامبىرىنىڭ تەتقىقاتچىسى چېن چېن مۇنداق دەپ قارىدى: نۆۋەتتە ھەمبەھىرلىك ياسىمىچىلىق قارشى ئېلىشقا ئېرىشىپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق ھۈنەر-سەنئىتى ۋە تەرتىپىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى مۇمكىنچىلىككە ئىگە قىلغان بولۇپ، جابدۇقچىلىق كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ. «مەسىلەن، بەزى سانائەت رايونلىرى ۋە كەسىپ توپىدىكى كارخانىلار زاۋۇت، ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى، تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشقا باشلىدى، كەلگۈسىدە ھەتتا مەبلەغ، پاتېنت، تەجرىبە ۋە تېخنىكا مۇلازىمىتى قاتارلىقلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشى مۇمكىن».

  بۇ خىل ئورتاق بەھرىمەن بولۇش بۇلۇت سۇپىسى ۋە ئىنتېرنېت تورى ئاساسىدا ئەمەلگە ئاشىدۇ. چېن چېن: «چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ تەرەققىياتى ئوخشاش بولمىغان كارخانىلار ئارىسىدىكى بايلىقنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ماسلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كەسىپ تەشكىلاتلىرىنى يېپىق ھالەتتىن ئېچىۋېتىش تىپىغا يۈزلەندۈرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئالاقىسى تېخىمۇ قويۇقلىشىدۇ، شۇنداقلا تېخنىكا تەتقىقاتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تېخىمۇ پايدىلىق»، دېدى.

  ماشىنىسازلىق سانائىتى ئاقىللار ئامبىرىنىڭ تەتقىقاتچىسى سى جيەننەن: «ئېلىمىزنىڭ جابدۇقچىلىق كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، 5G نى قوللىنىشتىكى «تېز پويىز»غا تىرىشىپ ئاتلىنىپ، ئاساسنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، ھۈنەر-سەنئەتنى كۈچەيتىپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش كېرەك»، دېدى.

  تاشقى سودا، يېڭى تېخنىكا قاتارلىق تەسىر ئامىللىرىنى تەھلىل قىلىش ئاساسىدا، ماشىنىسازلىق سانائىتى ئۇچۇر تەتقىقات يۇرتى مۇنداق تەكلىپ بەردى: قىسقا مەزگىلدىن قارىغاندا، ئېلىمىزنىڭ جابدۇقچىلىق كەسپىدە «زەنجىر تولۇقلاش»قا ئەھمىيەت بېرىپ، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۈزۈلۈش نۇقتىسىنى رەتلەپ، سەپلىمە لايىھەنى تېزدىن تېپىپ چىقىپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ ئوتتۇرا مەزگىلدىن قارىغاندا، «زەنجىرنى پۇختىلاش»قا ئەھمىيەت بېرىپ، كەمتۈك جابدۇقلارنى تولۇقلاشتىكى توسۇلۇش نۇقتىسىنى راۋانلاشتۇرۇپ، توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان مۇھىم ساھەلەرنى نىشانلاپ كەسىپ زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم؛ ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا، «زەنجىرنى كۈچەيتىش»نى ياخشى ئىشلەپ، «يېڭى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى» سىياسىتىنىڭ كۆزنەك مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، چوڭ، ئەمما كۈچلۈك بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ