مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى تارىخ ۋە خەلق چىقارغان توغرا تاللاشتۇر

(شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش)

2020.08.20 17:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تارىخ ۋە خەلقنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىشىنى تاللىشى توغرا، بۇنىڭدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، مەڭگۈ تەۋرەنمەسلىك كېرەك». بۇ زور ھۆكۈم تولۇق تارىخىي ئاساسقا، نەزەرىيە ئاساسىغا، رېئال ئاساسقا ئىگە بولۇپ، چوڭقۇر تارىخىي لوگىكا، نەزەرىيە لوگىكىسى، ئەمەلىيەت لوگىكىسىغا ئىگە.

  يېقىنقى يۈز يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، مىللىي مۇستەقىللىق، خەلق ئازادلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ توغرا يولىنى تاپتى، دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى، جەمئىيەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىملىقىدىن ئىبارەت «ئىككى چوڭ مۆجىزە»نى ياراتتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بەرپا قىلىنىش، تەرەققىي قىلىشتىن مۇكەممەللىشىشكە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، جۇڭگو خەلقى كىيىمى پۈتۈن بولماسلىق، قورسىقى تويماسلىقتىن ھاللىق سەۋىيەگە يېتىپ بېيىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى، دۇنيا سوتسىيالىزمىنىڭ تەرەققىيات تارىخى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى «جۇڭگو مۆجىزىسى»نى ياراتتى.

  ئەمەلىيەت شۇنى كۆرسەتتىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش − جۇڭگونىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەرلىكى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئاقىلانە تاللىشىدۇر. ئەمەلىيەت جۇڭگو خەلقىنىڭ تارىخىي تاللىشىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى ۋە داۋاملىق ئىسپاتلايدۇ.

  ھازىر بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك يېقىنلاشتۇق. لېكىن، ئالغا ئىلگىرىلەش يولى تۈز بولمايدۇ. تاشقى مۇھىتتىن قارىغاندا، دۇنيا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تۈرلۈك مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرىنى كۆرۈنەرلىك كۆپەيتتى، خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىس ھەممە يەردە مەۋجۇت؛ ئىچكى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى داۋاندىن ھالقىيدىغان ھالقىلىق مەزگىلدە تۇرماقتا، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋەزىپىسى مۈشكۈل، يەنە نۇرغۇن كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەر بار. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي ۋەزىپىنى ئورۇندىشىمىز ھەرگىزمۇ داقا-دۇمباق چېلىپ ئاسانلا ئورۇندىغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس. ۋەزىپە قانچە مۈشكۈل، خەۋپ-خەتەر، خىرىس قانچە چوڭايغانسېرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكتە شۇنچە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  تاغلار ھەيۋەتلىك بولسىمۇ، چوقۇم ئاساسىي چوققا بولىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى، پارتىيە ئەڭ ئالىي سىياسىي رەھبەرلىك كۈچىدۇر». پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش − پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈپ ئاساسى، جان تومۇرىدۇر، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئەتى، بەخت-سائادىتىدۇر، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتىدۇر. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان بۇ مۇھىم پىرىنسىپال مەسىلىدە پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى چوقۇم يۈكسەك ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىق، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ساقلىشى، قىلچە تەۋرەنمەسلىكى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ