مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى تاللىشى تامامەن توغرا

2020.08.20 17:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى دەل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى دەل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى، پارتىيە ئەڭ ئالىي سىياسىي رەھبەرلىك كۈچىدۇر». جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىنى ئۆزىگە ئۆزى بەرگەن ئەمەس، بەلكى بۇ تارىخنىڭ تاللىشى، خەلقنىڭ تاللىشىدۇر. تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى تاللىشى تامامەن توغرا. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىش ئارقىلىق، جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋەزىپىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش − خەلقنىڭ تاللىشى

  «دەۋر ئىمتىھان قەغىزىنى چىقارغۇچى، بىز جاۋاب بەرگۈچى، خەلق ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرگۈچى». جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ياخشىمۇ- ئەمەسمۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى توغرىمۇ- ئەمەسمۇ؟ جۇڭگو خەلقى ھەممىدىن بەك پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، خەلقنىڭ ھىمايە قىلىش-قىلماسلىقى، قوللاش-قوللىماسلىقى، خۇشال بولۇش- بولماسلىقى، ماقۇل بولۇش-بولماسلىقى − بۇنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەمدۇر. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك ئورنى − جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق چىقارغان تەنتەنىلىك تاللىشى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 50 نەچچە پارتىيە ئەزاسىدىن تەرەققىي قىلىپ، بۈگۈنكى كۈندە 91 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى بار، دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەتتە ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ پارتىيەگە ئايلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىلىرىنى قولغا كەلتۈردى، بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى شۇكى، پارتىيەمىز خەلقتىن كەلگەن، خەلق ئۈچۈن تۇغۇلغان، خەلق سەۋەبلىك گۈللەنگەچكە، خەلق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى باشتىن-ئاخىر ئۆز مەنپەئەتىنىڭ سادىق ۋەكىلى قىلىپ كەلدى، پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا باشتىن- ئاخىر ئۇيۇشۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلدى.

  باشتىن-ئاخىر خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى چوقۇم خەلقنىڭ چىن ھىمايىسىگە داۋاملىق ئېرىشىدۇ

  تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى تاللىشى تامامەن توغرا. دەل مۇشۇنداق «خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز» دېگەن ئىدىيەگە باشتىن-ئاخىر ئەمەل قىلىدىغان، خەلقنى مەركەز قىلىشتا باشتىن ئاخىر چىڭ تۇرىدىغان ئىلغار پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى بولغاچقىلا دۆلىتىمىز، مىللىتىمىز بۈگۈنكىدەك مۇشۇنداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. كەلگۈسىگە يۈزلەنسەك ئەمەلىيەت يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسپاتلايدۇكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلقنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈشتىكى تۈپ مەقسىتىدىن باشتىن-ئاخىر ئېغىشمايدۇ، جۇڭگو خەلقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى ھىمايە قىلىش ۋە قوللاشتىن قىلچە تەۋرەنمەيدۇ.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغ ئىشلىرىغا ئىرادە باغلىغان بولۇپ، 100 يىل دەل ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان مەزگىلدۇر. يېڭى مۇساپىگە يۈزلەنگەندە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باشتىن-ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت بىلەن پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تارىخ ۋە خەلققە ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ ياخشى جاۋاب بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ