مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى ئارقىلىق يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئۇرغۇتۇش لازىم

___ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈش كېرەك (1)

2020.08.19 17:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈش»نى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ، پۇختا تارىخىي ئاساس، نەزەرىيە ئاساسى ۋە ئەمەلىيەت ئاساسىغا ئىگە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دەۋرنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىپ چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئېلىمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىپ، يېڭى دەۋردە دۇچ كەلگەن ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرىدۇر.

  ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن بۇيان، جۇڭگو بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى باشلىدى، سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادىي ئەندىزە بەرپا قىلىنىپ، 40 نەچچە يىل داۋاملاشقان ئىقتىسادنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىدەك مۆجىزە يارىتىلدى. لېكىن ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش مۇساپىسىدە يېڭى ئۆزگىرىش بولۇشىغا ئەگىشىپ، خەلقئارا چوڭ ئايلىنىشقا تايىنىدىغان ئېكسپورت يۆنىلىشى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى يېڭى تەلەپكە ماسلىشالمىدى. ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش پايدىسىنىڭ تەدرىجىي ئازىيىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى «ئېكسپورت- مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق قوزغىتىش ئەندىزىسى»دىن «ئىچكى ئېھتىياج- يېڭىلىق يارىتىش ئەندىزىسى» گە ئۆزگەرتىشى كېرەك؛ پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى «كانىيى سىقىلىش» مەسىلىسىنىڭ بارغانسېرى جىددىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى چوقۇم ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئەندىزىسىگە ئۆزگىرىشى كېرەك. دۆلەت ئىچى بازىرى ۋە خەلقئارا بازارنى تېخىمۇ تۇتاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىش بىزدىن دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تەدرىجىي بۇرۇلۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

  جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۆتكەن 40 نەچچە يىللىق تەرەققىياتى «دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىش» ئۈچۈن پۇختا تەمىنلەش ئاساسى، ئېھتىياج ئاساسى ۋە تۈزۈم ئاساسى سالدى. تەمىنلەش قاتلىمىدا، جۇڭگو دۇنيا بويىچە ب د ت نىڭ كەسىپلەرنى تۈرگە ئايرىشتا كۆرسىتىلگەن بارلىق سانائەت تۈرىگە ئىگە بىردىنبىر دۆلەتكە ئايلىنىپلا قالماي، يەنە پاتېنت ئىلتىماس مىقدارى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى؛ ئېھتىياج جەھەتتە، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازارغا ئىگە، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ نوپۇس كۆلىمىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئوتتۇراھال كىرىملىكلەر توپىغا ئىگە، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنى پارچە سېتىش ئومۇمىي سوممىسى ۋە ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ؛ تۈزۈم ۋە مېخانىزم قاتلىمىدا، بازار بايلىق تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى، ھۆكۈمەتنىڭ رولى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇلدى، مەملىكەت بويىچە چوڭ بازارلارمۇ تۈرلۈك ئۇل خاراكتېرلىك ئىسلاھات، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ۋە سودا مۇھىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشى ئارقىسىدا راۋان يۈرۈشتى. نىسپىي مۇقىم، نىسپىي مۇستەقىل، ئۈنۈملۈك ئىچكى ئىقتىسادنىڭ چوڭ ئايلىنىشى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىي دىسكىسىغا ئايلاندى.

  تارىخىي تەجرىبىلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى، چوڭ دۆلەت ئىقتىسادى تەرەققىي قىلىش جەريانىدا، كۈچلۈك ئىچكى ئىقتىسادىي ئايلىنىش سىستېمىسى بولمىسا، ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىدىغان رىقابەت كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش، يەر شارى بويىچە بايلىق تەقسىملەشنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرۈشى تەس بولىدۇ. نۆۋەتتە، جۇڭگو يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش دائىملاشقان ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا ئالدى بىلەن ئىقتىسادنى جانلاندۇردى، بۇ ھەم ۋاقىت كۆزنىكى بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا ئىستراتېگىيەلىك ئالماشتۇرۇش تەننەرخىنى تېجەپ قالدى. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈشتە، جۇڭگو ئىقتىسادى يېڭى ئەۋزەللىكنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، دولقۇن يېرىپ، پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ