مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقى قىلمىشلىرىنى قەتئىي توسۇش لازىم

2020.08.20 17:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقى كىشىنى چۆچۈتىدۇ، كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ! باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا يېمەك- ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى توسۇش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ، يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقى قىلمىشلىرىنى قەتئىي توسۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. تەشۋىقات-تەربىيىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىقتىسادچانلىق ئادىتىنى ھەقىقىي يېتىلدۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئىسراپچىلىق نومۇس، ئىقتىسادچىللىق شەرەپ دەيدىغان كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان جايلار، تارماقلار باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ «تىل ئۇچىدىكى ئىسراپچىلىق»نى توستى. مەسىلەن، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمىتى كومىتېتى ئورگان كادىرلىرى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئىدارىلەردە يېمەك-ئىچمەك تېجەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېجەشلىك ئورگان قۇرۇلۇشىغا پائال ئاتلىنىشىنى، تېجەشلىك بولۇش ئىدىيەسىنى ئاشخانىدا غىزالىنىش، ھۆكۈمەت خىزمىتى پائالىيىتىدە غىزالىنىش قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرگە سىڭدۈرۈشىنى تەشەببۇس قىلدى. جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى تەشەببۇسنامە چىقىرىپ، ئىستىمالچىلارنى يېمەك- ئىچمەك ئىسراپچىلىقىغا «ياق» دەپ، يېشىل، تېجەشچانلىقنىڭ نازارەتچىلىرىدىن بولۇشقا مۇراجىئەت قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ پىشۇرۇش ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېمەك-ئىچمەك بىلەن تەمىنلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ تاماق سەپلەش، مىقدارىغا قاراپ تاماق زاكاز قىلىشىغا قولايلىق يارىتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. جۇڭگو مېھمانساراي جەمئىيىتى، جۇڭگو ئاشپەزلەر جەمئىيىتى قاتارلىقلار يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىدىن تاماق زاكاز قىلىش ھالقىسىدا، خېرىدارلارغا ئەسكەرتىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. نۇرغۇن بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىلىرىمۇ يېڭى بەلگىلىمىلەرنى ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېمەك-ئىچمەك تۈرىدىكى بىۋاسىتە كۆرسىتىش مەزمۇنىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىسراپچىلىق نومۇس، تېجەشلىك بولۇش شەرەپ دەيدىغان ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى.

  بۇ ھەرىكەتلەرگە كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك ئاپىرىن ئوقۇدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بەزى كىشىلەر ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلەۋاتقان ئەھۋالدا، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش ئىستېمالنى تىزگىنلەپ قويامدۇ-قانداق؟، دەپ ئەنسىرىدى. بۇنداق قاراش ئېنىقلا خاتا.

  ئىستېمال قىلىش ئىسراپچىلىققا تەڭ ئەمەس. ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەرگىزمۇ ئىستېمالغا قارشى تۇرۇش ئەمەس، ئىستېمالنىمۇ چەكلىمەيدۇ. نورمال، مۇۋاپىق، ئاقىلانە، دەرىجىسى تەدرىجىي ئاشىدىغان ئىستېمال − ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك تەرەققىياتىنىڭ بەلگىسى، شۇنداقلا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىدۇر. ئىستېمالنى كېڭەيتىش − پۇقرالارنىڭ كىيىم-كېچەك، يېمەك- ئىچمەك، تۇرالغۇ ۋە يۈرۈش-تۇرۇشتىكى نورمال ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، ھەرگىزمۇ «كالىدەك يەپ- ئىچىش» قاتارلىق ئىسراپچىلىق قىلمىشلىرى ئارقىلىق بەزى سودىگەرلەرنىڭ سودىسىنى «قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدۈرۈش»نى مەقسەت قىلغان ئەمەس؛ ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش − ساياھەت، ئارام ئېلىش، مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش، تەنتەربىيە، بەدەن چېنىقتۇرۇش قاتارلىق نورمال ئىستېمالنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ ھەددىدىن زىيادە بۇزۇپ- چېچىشتەك غەيرىي ئىستېمالىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىشى ئەمەس.

  نۆۋەتتە، تاشقى مۇھىتنىڭ تۇراقسىزلىقى، ئېنىقسىزلىقى كۆرۈنەرلىك كۈچەيگەن ئەھۋالدا، بىز ئىقتىسادچىللىقنى قاتتىق يولغا قويۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇپ، ئىستېمالنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قويۇپ بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىچكى چوڭ ئايلىنىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ