مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۆگىنىش ئارقىلىق تەرەققىيات ئېھتىياجىغا يېتىشىۋېلىش لازىم

2020.08.20 17:31 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش دەل ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئەڭ چوڭ كاپالىتىدۇر

  بۇ يىل 6- ئايدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەن «خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشى ئومۇمىي لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتقاندىن بۇيان، خەينەن ئۆلكىسى كۆپ قېتىم ھەر خىل شەكىللەر بىلەن، ھەر قايسى قاتلاملاردىكى تەربىيلەش ۋە ئۆگىنىشنى ئۇدا قانات يايدۇردى. تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ خەينەنگە كەلتۈرۈپ چىقارغان تەسىرىنى ئېغىر ئەمەس دېيىشكە بولمايدۇ. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن ئۆلكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.6 تۆۋەنلەپ كەتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن، خەينەن ئۆلكىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا ۋە ياخشى ئىشلەش، «ئالتىنى كاپالەتلەندۈرۈش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئادەتتىن تاشقىرى تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقىپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقۇم ئەھۋالى كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى تولۇقلاشقا تىرىشتى. ئۇلارنىڭ ئىشتىن بۇرۇن تولۇق تەييارلىق قىلىپ، خىزمەتنى تېزلىتىپ، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈشى دەل ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنىڭ ئەڭ چوڭ كاپالىتى بولدى. چوڭ ئىمتىھانغا قانچە كۆپ دۇچ كەلگەنسېرى، ئۆگىنىشنى شۇنچە كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن، پۈتۈن يەر شارىدا يۇقۇم داۋاملىق يامراۋاتقان مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، خەينەن ئۆلكىسى زادى قانداق قىلىپ بىر تەرەپتىن ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، يەنە بىر تەرەپتىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش پوزىتسىيىسىنى چىڭ ساقلىيالايدۇ؟ يۇقۇمنىڭ بازارغا كەلتۈرگەن زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، خەينەننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى رايون ۋە ناھىيەلەردىكى نۇرغۇن يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى دۆلەت ئىچىدە سېتىش بازىرىنى مۇستەھكەملەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، چەت ئەل بازىرىنى تەدرىجىي ئاچتى. ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمەتلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ئۇلارنىڭ خىزمەتتە، مەھسۇلات ئېكسپورتىنى تەكشۈرۈش ۋە كارانتىن قىلىش، ئېكسپورت قىلىدىغان جاينىڭ مەھسۇلات ئۆلچىمىنى ئىسپاتلاپ بېكىتىش، ئەسلىي ئىشلەپچىقارغان جايغا بەلگە سېلىش قاتارلىق بىر قاتار مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. لېكىن، بەزى ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمەتلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك تارماقلىرى بۇ خىزمەتلەرگە تېخى ناتونۇش بولغاچقا، خىزمەت ئۇسۇلىنى بىلمىگەنلىكتىن خىزمەتتە مەسىلىلەر كېلىپ چىققان. ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىقتىدار ئاساسىنى پۇختىلىشى ئۈچۈن، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشىگە توغرا كېلىدۇ.

  يېڭى ۋەزىيەتتە ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشكە تېخىمۇ توغرا كېلىدۇ. خەينەن ئۆلكىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ يىل بولسا، ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشى باشلانغان ھالقىلىق يىل ھېسابلىنىدۇ. ئىشىكنى ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشتە زادى كونكرېت قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەركىن سودا پورتىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە قانداق ئىزدىنىش كېرەك؟ مەيلى سىياسەتنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش بولسۇن ياكى تەرتىپ قەدەم-باسقۇچلىرى بولسۇن، ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش ياكى خاتالىقنى سىناش جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ، قايتا-قايتا ئۆگىنىپ ئۆز ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ۋە تەجرىبىلەرنى قايتا-قايتا يەكۈنلەشنىڭ مۇھىم تەلىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كارخانا ۋە مەبلەغ سالغۇچىلار ئەركىن سودا پورتىنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى ئىگەللىۋېلىشنى ئويلىغان بولغاچقا، ئۇلار ھەر كۈنكى مەسلىھەت سوراش تېلېفونلىرىنىڭ قېتىم سانىنى مىڭ قېتىمدىن ئون مىڭ قېتىمغا كۆپەيتتى. سىياسەت تەپسىلاتى ۋە مەشغۇلات تەرتىپى يەنىلا كېڭىشىش ئۈستىدە تۇرىۋاتىدۇ، ئەمما مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى ئاللىقاچان يولدا چىقتى. تەرەققىيات پۇرسىتىگە قانداق ھۆكۈم قىلىش كېرەك؟ ئەركىن سودا پورتى قائىدىسىنى قانداق مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئىنچىكىلەشتۇرۇش كېرەك؟ ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشى «ئىنچىكە ھالقىلارنى تۇتۇش» باسقۇچىغا كىردى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆگىنىشنى كۈچەيتكەندىلا ئاندىن يېڭى بىلىمنى ئىگىلىگىلى بولىدۇ، ھەمدە تەرەققىيات ئېھتىياجىغا يېتىشىۋالغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ