مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

باشلامچى كارخانىلار باشلامچىلىق رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك

2020.08.20 17:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  بۇ يىلدىن بۇيان، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ھەر قايسى ساھەلەردىكى باشلامچى كارخانىلار ئاچقۇچلۇق رول ئوينىماقتا. مەسىلەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جەھەتتە، ياسىمىچىلىقتىكى نۇرغۇن باشلامچى كارخانىلار كۈچلۈك تەشكىللەش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنى تېز تەشكىللىدى، ھەتتا ئىشلەپچىقىرىشنى تېز ئۆزگەرتىپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى. ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەھەتتە، باشلامچى كارخانىلار ئالدى بىلەن ھەرىكەتكە كېلىپ، يۇقىرى-تۆۋەن قاتلامدىكى كارخانىلارنىڭ ئىشنى ماسلىشىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى.

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 92 باشلامچى كارخانا يۇقىرى- تۆۋەن قاتلامدىكى 400 مىڭدىن ئارتۇق ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولغان.

  نۆۋەتتە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتى مۇقىم بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى ئاساسىي جەھەتتىن ئەسلىگە كەلدى. باشلامچى كارخانىلارنىڭ باشلامچىلىق رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشى كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا تېخىمۇ كۆپ گەۋدىلىنىشى كېرەك. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئېلىمىز كەسىپلىرىنىڭ دۇنيا قىممەت زەنجىرىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى پەللىسىگە قەدەم قويۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياۋى ئىلغار ياسىمىچىلىق توپلىرىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. دۇنيا دەرىجىلىك ئىلغار ياسىمىچىلىق توپلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، يەر شارىدا رىقابەت ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن باشلامچى كارخانىلارنىڭ تۈرتكە بولۇشىغا توغرا كېلىدۇ.

  كەسىپ توپلىرى ئىچىدە، بەزى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش جانلىقلىقى، تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىقتىدارى بىر قەدەر ئاجىز. ئەگەر پۈتكۈل كەسىپنى ياغاچ چېلەككە ئوخشاتساق، «ئۇزۇن تاختا» سۈپىتىدىكى باشلامچى كارخانىلار ئۆزى سەرخىل بولۇپلا قالماستىن، بەلكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشقا ياردەم بەرگەندە، كەسىپنىڭ «سۇ ساقلاش» ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، بازارنى ئورتاق زورايتالايدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن بوشلۇق كېڭەيتەلەيدۇ. مەسىلەن، بىز شۇنى كۆردۇقكى، بەزى باشلامچى كارخانىلار ساھەلەر ئىچىدىكى كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تىپ ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە پۈتكۈل كەسىپنىڭ سانلىق مەلۇمات بايلىقىنى ئاچتى، بۇ، كەسىپنىڭ توپلىنىش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، كەلگۈسىدە سىجىل رىقابەت ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرۈشكە پايدىلىق.

  باشلامچى كارخانىلارنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت تارماقلىرى ياردەم قولىنى سۇنۇپ، كۆپرەك ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك. بىر تەرەپتىن، باشلامچى كارخانىلارنى كۆپرەك يېتىشتۈرۈپ ۋە يۆلەپ، كارخانىلارنىڭ تېخنىكا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە ئىلھام بېرىپ، كارخانىلارنىڭ قوشۇۋېلىش، قايتا تەشكىللەش، كۈچلۈكلەر بىرلىشىشىگە ئىلھام بېرىش كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ساھە ئىچىدىكى كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى يۆلەيدىغان باشلامچى كارخانىلارغا مۇكاپات، تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، سۇپا ھازىرلاپ، كارخانىلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ ياخشى جىپسىلاشتۇرۇپ، چوڭ-كىچىك كارخانىلارنىڭ كەسىپ ئىتتىپاقى شەكىللەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، تېخىمۇ ئادىل، قېلىپلاشقان رىقابەت مۇھىتى يارىتىپ، باشلامچى كارخانىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش لازىم؛ شۇنداقلا كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى چوڭ كارخانىلار بىلەن ئىناق بىللە ياشاپ، ئۆزىنىڭ پەرقلىق ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش لازىم. تېخىمۇ كۆپ كەسىپلەردە باشلامچىلار يېتەكلەيدىغان، سەپ تۈزۈپ ماسلىشىدىغان، ئۈستۈنلۈكتىن ئۆزئارا پايدىلىنىدىغان توپلارنىڭ شەكىللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ