مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىقتىسادچىللىقنى قاتتىق يولغا قويۇش، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشنى ئەۋج ئالدۇرۇپ ئادەتكە ئايلاندۇرايلى

2020.08.19 17:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى توسۇش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، تېجەشلىك بولۇش ئادىتىنى ھەقىقىي يېتىلدۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئىسراپچىلىق نومۇس، تېجەشلىك بولۇش شەرەپ، دەپ بىلىدىغان كەيپىيات يارىتىشنى تەلەپ قىلدى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقى پۈتۈن جەمئىيەتتە كەڭ تەسىر قوزغىدى. جايلار، تارماقلار بەس- بەستە ھەرىكەتكە كېلىپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئىسراپچىلىق ھادىسىلىرىنى تۈزەپ، تىرىشچان- ئىقتىسادچىل بولۇش كەيپىياتىنى يەنىمۇ شەكىللەندۈردى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ «تېجەشلىك بولۇش، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش»تەك ئىجتىمائىي كەيپىياتنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلدى. «تىل ئۇچىدىكى ئىسراپچىلىق»نى تۈزەشتىن «سورۇندىكى ناچار ئىستىل»نى تۈزەشكىچە، «ماشىنا چاقىدىكى ئىسراپچىلىق»نى توسۇشتىن، «ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇلغان ئىشخانا، ئۆي ئىشلىتىش»نى تازىلاشقىچە... پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان جايلار، تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەشەمەتچىلىك ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن تۈزىدى، نۇرغۇن ساھەلەردىكى ئىسراپچىلىق ھادىسىلىرى كۆرۈنەرلىك ئازايتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن، سۇ، توك ئىشلىتىش، تېز يوللانما ئوراش–قاچىلاش قاتارلىقلارغىچە، ئىسراپچىلىق ئەھۋاللىرى يەنىلا مەۋجۇت، بەزىلىرى كىشىنى چۆچۈتىدۇ، بۇ بىزنى ئىقتىسادچىللىقنى قاتتىق يولغا قويۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ تارىنى بىر مىنۇتمۇ بوشاشتۇرۇپ قويماي، بوشاشماي دائىم چىڭ تۇتۇپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇشقا ئاگاھلاندۇرىدۇ.

  ئىقتىسادچىللىقنى قاتتىق يولغا قويۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى يېشىل تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈشتە. تىرىشچان، ئىقتىسادچىل بولۇش يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسى بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە ماس كېلىدۇ، بۇ، بايلىقتىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىپ، بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۇسۇلىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ كۈچ قوشۇشتىن دېرەك بېرىدۇ. «تەخسىنى قۇرۇقداش ھەرىكىتى»نى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئېنېرگىيە تېجەش، سۇ تېجەش مەھسۇلاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشقىچە، يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان ئۆي جاھازلىرى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتىشتىن يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق سەپەرگە چىقىشنى تەشەببۇس قىلىشقىچە تېجەشلىك، مۇۋاپىق، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، مەدەنىي، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە ئىستېمال ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش __ ئىسراپچىلىق ھادىسىلىرىنى توسۇشتىكى ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرىدۇر.

  ئىقتىسادچىللىقنى قاتتىق يولغا قويۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش − بىر مەيدان ئۇزاققا سوزۇلىدىغان ئۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈپ، تۈزۈمگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مۇكەممەل قانۇن-تۈزۈم ___ ئىسراپچىلىق ھادىسىلىرىنى توسۇشنىڭ كۈچلۈك كاپالىتىدۇر. قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ قاراتمىلىقى بولغان ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىسراپچىلىق قىلمىشلىرىنى قەتئىي توسۇش كېرەك. تۈزۈمنىڭ ھاياتىي كۈچى ئىجرا قىلىشتا.

  جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، تىرىشچان-ئىقتىسادچىل بولۇش − بىزنىڭ يول بويى مېڭىپ، تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىمىزنىڭ مۇھىم كاپالىتى بولۇپلا قالماي، يەنە ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، يەنە شانلىق نەتىجە يارىتىشىمىزنىڭ مۇھىم كاپالىتى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتەك مۈشكۈل ۋەزىپە ئالدىدا، مىسلى كۆرۈلمىگەن تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلار ئالدىدا، بىز تىرىشچان، ئىقتىسادچىل بولۇشتەك ئېسىل ئەنئەنىنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش روھىنى ئۇرغۇتۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىپ، ئۆزگىرىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ