مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدا جازالاش قارارىنى ئىجرا قىلىشنى نېسى قالدۇرۇشنىڭ قاتتىق ئالدى ئېلىندى

2020.08.19 17:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئاپتونوم رايون بويىچە بېجىرىلگەن دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىش قارارىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى ھەمدە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، جازانى ئىجرا قىلىش، باھالاش، تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، باھالاش، تەكشۈرۈش دائىرىسى ۋە ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىدىن ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ، جازالاش قارارىنى جايىدا ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى، رېۋىزىيە كومىتېتلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئەۋەتىلگەن ئاپپاراتلىرى، ئاپتونوم رايون باشقۇرىدىغان ئالىي مەكتەپلەر ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئاپپاراتلىرى ئۆزىنى ئۆزى تەكشۈرۈشنى ئاساس قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى قاراپ چىقىش ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «تەكشۈرۈشتە بايقالغان چارە كۆرۈش قارارىنى ئىجرا قىلىش سۇبيېكتىنىڭ مەسئۇلىيىتىگە بولغان تونۇشى ئەمەلىيلەشمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، بىز ماسلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جازالاش قارارىنى ئىجرا قىلىش خىزمىتى بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش قاتارلىق تەكلىپلەرنى قاراتمىلىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويدۇق، كېيىنكى قەدەمدە مەسىلىنى تۈزىتىش ئەھۋالىنى قايتا كۆرۈپ، مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىش، ئەمەلىي ئۆزگەرتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىمىز».

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى جازالانغۇچىلارغا ئىنتىزام جازاسى بېرىش قارارىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، تور تارتىش شەكلىدە تەكشۈرۈپ، ئۆزىنى ئۆزى تەكشۈرۈش، ئۆزىنى ئۆزى تۈزىتىش، گىرەلەشمە تەكشۈرۈش، ئىختىيارىي ئارىلاپ تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق چارە كۆرۈش قارارىنى يەتكۈزۈش، ئېلان قىلىش ۋە ئارخىپلاشتۇرۇش، جازالانغۇچىلارنىڭ ۋەزىپە دەرىجىسى ۋە مائاش تەمىناتىنى تەڭشەش، يىللىق باھالاش، ئىلغارلارنى باھالاش، ئۆستۈرۈش، قايتا ئەھۋال ئۇقۇشۇش تەربىيەسى قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ئىزدىدى.

  ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بايقالغان مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ، بىر-بىرلەپ تىزىملاشنى ئورنىتىپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىر-بىرلەپ ھەيدەكچىلىك قىلدى. خوتەن ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپتىن ئۆزگەرتىپ، مەسىلىلەرنى مەسئۇل تارماققا ۋاقتىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، تۈزىتىش تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قېلىپلاشتۇرۇش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جازا قارارىنى ئىجرا قىلىشتا بىر-بىرىدىن ئايرىلماسلىق، بوشلۇق قالدۇرماسلىققا كاپالەتلىك قىلدى.

  ئەسلىدىكى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق ياراتتى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قايتا زىيارەت قىلىش تەربىيەسىنى ياخشى ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، جازالانغۇچىنىڭ خاتالىقىنى تۈزىتىش ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بەردى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، جازا قارارىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى نازارەت قىلىشنىڭ نورمال، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ھەر يىلى بىر قېتىم ئىنتىزام جازاسىنى ئىجرا قىلىش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ، ئىجرا قىلمىغان، ئۆزگەرتكەن، يالغان تۈزەتكەن مەسئۇل ئورۇن ۋە خادىملارغا قارىتا ئەھۋالغا قاراپ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، ھەرگىز يول قويمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تىپىك مەسىلىلەرنى ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلاپ، ئىبرەت تەربىيەسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جازالاش قارارىنىڭ بەلگىلىمە، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە جايىدا ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ