مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق ھەممىدىن ئەلا، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئالاھىدە مەنپەئەتى يوق

_ _ ئۇلۇغ مۇساپىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى

2020.08.19 16:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن «ئىقتىدارلىق»؟ بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن-ئاخىر خەلق بىلەن قەلبداش بولۇپ ۋە خەلق بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، خەلق بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدۇ.

  ھەمىشە ئەڭ كەڭ خەلق تەرەپتە تۇرغاندا ۋە تارىخنىڭ توغرا بىر تەرىپىدە تۇرغاندىلا، ئاندىن باشتىن-ئاخىر كەلگۈسىگە يۈزلىنىدىغان، خىرىسقا تاقابىل تۇرىدىغان، مەڭگۈ باش كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە بولغىلى بولىدۇ.

  ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش ۋە ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇش، ئەل رايىنى ئەڭ چوڭ سىياسىي دەپ بىلىش، خەلقنى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئەڭ چوڭ ئىشەنچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان نەرسىلەر ئىچىدە، ئارزۇدىنمۇ بەكرەك كۈچلۈك نەرسە يوق، ھەم ئارزۇغا ئىنتىلىشتىنمۇ كۈچلۈك قەدەم يوق. 2020- يىلىدىكى جۇڭگو، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بويىچە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبىنى قەتئىي تۈردە قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي نامرات قورغانلارغا ئاخىرقى ئومۇمىي ھۇجۇمنى قوزغىدى. ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئۈچۈن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، بۇ 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلققە ۋە تارىخقا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسىدۇر.

  «پارتىيە خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇشلار ۋە ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ باردى، بۇنىڭدىكى تۈپ مەقسەت خەلقنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈشتۇر، مەيلى قانچىلىك زور خىرىس ۋە بېسىمغا دۇچ كەلگەندە بولسۇن، ھەمدەن قانچىلىك قۇربان بېرىش ۋە بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر، پارتىيە بۇ نۇقتىدىن باشتىن-ئاخىر ئېغىشمايدۇ، ئۇنىڭدا قىلچە تەۋرەنمەيدۇ. بۇ يىل مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى جاراڭلىق بولدى. نېمە ئۈچۈن پارتىيەمىز «خەلقنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش»نى بارلىق ھەرىكەتنىڭ تۈپ مەقسىتى قىلىدۇ؟ چۈنكى، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ نەزىرىدە، «ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئەڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىدىن باشقا، ئۆزىگە خاس بولغان ئالاھىدە مەنپەئەتى يوق». بۇنى ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ خاراكتېرى بەلگىلىگەن، پارتىيەمىز «مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتى»نى كۆزلەيدۇ؛ بۇنىمۇ جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئېتىقادى بەلگىلىگەن، بىزنىڭ پارتىيەمىز دۇنياغا كەلگەن كۈندىن باشلاپ، پارتىيەمىز ھەمىشە «جۇڭگو خەلقى ئۈچۈن بەخت يارىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىنى كۆزلەش»نى دەسلەپكى بۇرچ قىلىپ كەلدى. خەلق ۋە پەقەت خەلقلا جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئاساسى ۋە قان تومۇرىدۇر.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغان 100 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، بۇ پارتىيە كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ كەلدى، قارىماققا مۇمكىن بولمايدىغان بولۇپ كۆرۈنىدىغان نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ ۋۇجۇتقا چىقاردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن-ئاخىر خەلق بىلەن بىر نىيەت-بىر مەقسەتتە بولۇپ، خەلق بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، خەلق بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلدى. خەلقنىڭ بەختكە ئىنتىلىشى ۋە مىللەتنىڭ گۈللىنىشكە ئىنتىلىشىدىكى ئېقىمغا ماسلىشىپ، ھەمىشە ئەڭ كەڭ خەلق تەرەپتە ۋە تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، كەلگۈسىگە ۋە خىرىسقا يۈزلەنگەندىلا، ئاندىن مەڭگۈ باش كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە بولغىلى بولىدۇ.

  بۇ كومپارتىيە ھەمىشە مىللەتنى ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەيدىغان بىر پارتىيە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزى شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىمەيدۇ»، چۈنكى، شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىمىگەندىلا، ئاندىن تۈپ مەنپەئەتنى كۆزلىگىلى، پارتىيەنىڭ خاراكتېرى ۋە تۈپ مەقسىتىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغىلى، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ