مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئېچىۋېتىلگەن جۇڭگو يەنىلا پۈتۈن يەر شارى بويىچە مەبلەغ سېلىشتىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن ماكان

2020.08.19 16:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تاشقى مەبلەغ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتىدىكى مۇھىم تۈرتكە كۈچ؛ تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» ۋە «ئالتىنى كاپالەتلەندۈرۈش»نىڭ مۇھىم مەزمۇنى. سودا مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1- ئايدىن 7- ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن تاشقى مەبلەغ 535 مىليارد 650 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 0.5 ئاشقان ۋە 1- ئايدىن 6- ئايغىچە 1.8 پىرسەنت پوئىنت ئۆرلىگەن. 7- ئايدىكى شۇ بىر ئاي ئىچىدە، مەملىكەت بويىچە ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن چەتئەل مەبلىغى 63 مىليارد 470 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.8 ئاشقان ۋە ئۇدا تۆت ئايدىكى يەككە ئاي ئىچىدە چەتئەل مەبلىغىنى قوبۇل قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.

  ئالدىنقى يېرىم يىلدا، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى خەلق ئىگىلىكىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى. بولۇپمۇ، چاغانغا يۇقۇم قوشۇلۇپ كەلگەن دەسلەپكى مەزگىلدە كېلىپ چىققان ئىش توختىتىش، قاتناش راۋان بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر قىسمەن مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەش جىددىيلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، دۆلەت ھالقىغان قىسمەن كارخانىلارنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە جۇڭگو كەسىپ زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان ئەندىشىسىنى قوزغىدى. بىر قىسىم دۆلەت ۋە رايونلار شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆز دۆلىتىنىڭ سىرتىدىكى كارخانىلارنىڭ كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەڭشىشىگە ئىلھام بېرىش تاكتىكىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئوبيېكتىپ جەھەتتە خەلقئارا مەبلەغ جەلپ قىلىش رىقابىتى كەسكىنلىشىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خەلقئارادا يۇقۇم داۋاملىق يامراپ، دۇنيا ئىقتىسادى ئېغىر دەرىجىدە چېكىنىپ، خەلقئارا سودا سېلىنمىسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى، قورۇقچىلىق ئاشتى، ھەمدە مۇرەككەپ ۋە كەسكىن بولغان ئوبيېكتىپ مۇھىتقا ۋە مىسلى كۆرۈلمىگەن غايەت زور خىرىسقا دۇچ كەلدى، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ چەتئەل مەبلىغىنى قوبۇل قىلىشى مەنپىي ھالەتتىن مۇسبەت ھالەتكە ئۆتۈپ، ئومۇمىي جەھەتتىن مۆلچەردىكىدىن ياخشى بولدى.

  بۇنداق نەتىجە قولغا ئاسان كەلمەيدۇ. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش جەھەتتە نامايان بولغان بىر چوڭ يارقىن نۇقتىسى شۇ بولدىكى، چەتئەل مەبلىغى چوڭ تۈرلىرى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتى، چەتئەل مەبلىغىگە بولغان ئىشەنچ داۋاملىق كۈچەيدى. 1- ئايدىن 7- ئايغىچە 100 مىليون دوللاردىن ئارتۇق چەتئەل مەبلىغى تۈرىنىڭ مەبلەغ سېلىش نىسبىتى %68 نى ئىگىلىدى، دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەردىن ئېكسونمېيفۇ، BMW، تويوتا، يىڭۋېيدا قاتارلىق نۇرغۇن شىركەتلەر جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىشنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى، ھەمدە جۇڭگودىكى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلەتتى.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادى يۇقۇمنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپلا قالماي، كۈچلۈك ئەۋرىشىملىك ۋە غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلدى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇھىم بولغان مۇقىملىقىدىكى بىر لەڭگەر بولۇپ قالدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئېلىمىز يۇقۇمنى تېزدىن ۋە ئۈنۈملۈك ھالدا كونترول قىلىپ، ئىشنى ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېزلەتتى.

  نۆۋەتتە، ئېلىمىز ئىقتىسادىدىكى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋە ئۇزاق مۇددەت ياخشىلىنىشتىن ئىبارەت ئاساسىي تەرەپ ئۆزگەرگىنى يوق، ئېلىمىزنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ بازار سىغىمى ۋە سىغىمىنىڭ ئېشىشىدىكى جەلپ قىلىش كۈچى ئۆزگەرگىنى يوق، ئېلىمىزنىڭ كەسپلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈش، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇنىۋېرسال رىقابەت ئەۋزەللىكى ئۆزگەرگىنى يوق، دۆلىتىمىزنىڭ ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى سىجىل كېڭەيتىش، سودا مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلاش نىشانى ئۆزگەرگىنى يوق. ئېچىۋېتىلگەن جۇڭگو يەنىلا پۈتۈن يەر شارى بويىچە مەبلەغ سېلىشتا ئالقىشقا ئېرىشكەن ماكان بولۇپ تۇرماقتا؛ تەرەققىي قىلىۋاتقان جۇڭگو يەنىلا ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ؛ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىۋاتقان جۇڭگو يەنىلا تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىغا تېخىمۇ بازارلاشقان ۋە قانۇن ئىدارە قىلىدىغان مۇھىت يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ