مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خاتالىققا كەڭ قورساق بولۇش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە مۇھىمى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغۇچىلارغا مەسئۇل بولۇش كېرەك

2020.08.18 17:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «يۇقىرىنىڭ خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشى قانچە ئېنىق بولسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ، يوليورۇق قانچە كونكرېت بولسا شۇنچە ياخشى، ھۆججەت قانچە تەپسىلىي بولسا شۇنچە ياخشى. قىسقىسى، رەھبەرلەر نېمە دېسە، بىز شۇنداق قىلساق ئەڭ ياخشى بولىدۇ!» مۇخبىر يېقىندا ئاساسىي قاتلامدا زىيارەتتە بولغاندا، بەزى كادىرلارنىڭ ئاغزىدا يۇقارقى بىر نەچچە «ياخشى»نىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقىنى بايقىدى، بۇ گەپلەر ئاڭلىماققا ئاساسىي قاتلامنىڭ يۇقىرىنىڭ تەلىپىنى تېخىمۇ قەتئىي، تېخىمۇ ئۈزۈل-كېسىل ئىزچىللاشتۇرغاندەك تۇرسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە خىزمەتتىكى تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئاكتىپلىقىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىدۇر. ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقنى كونكرېتلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى كۆپ تەرەپلىمىلىك بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر سەۋەب شۇكى، خاتالىققا كەڭ قورساق بولۇش مېخانىزمى تولۇق ئەمەلىيلەشمەي، ئۇلارنى ئەندىشىگە سېلىپ قويغاچقا، ئۇلار ياخشى نىيەت بىلەن خاتا ئىش قىلىپ قويۇپ، جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىشتىن قورقىدۇ.

  خاتالىققا كەڭ قورساق بولۇش مېخانىزمىنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەس بولسا، كادىرلار ئىش قىلغاندا كۈچىيەلمەيدۇ. قىسمەن جايلاردا ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ دەردىنى تۆكۈپ ئېيتىشىچە، يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە قارىتا رەھبەرلەرمۇ قانداق قىلىشنى ئويلىيالمىغاچقا، «گاس-گاچا بولۇۋېلىپ» ئىپادە بىلدۈرمىگەن. ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلسا، تۆھپىسى رەھبەرلەرگە يۈكلەنگەن؛ مەسىلە ياخشى بىر تەرەپ قىلىنمىسا، رەھبەرلەر مەسئۇلىيەتنى كونكرېت ئىش بېجىرگۈچىلەرگە ئىتتىرىپ قويغان. مۇشۇنداق كېتىۋېرىپ، قىسمەن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى خاتالىققا كەڭ قورساق بولۇش مېخانىزمىغا ئىشەنمەي، «كىم ئەخمەق بولسا شۇ ئىشلەش»، «ئىشلىمەسلىككە رازى، قەتئىي خاتالىق ئۆتكۈزمەسلىك»تەك ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ھۇرۇنلۇق قىلىش روھىي ھالىتى پەيدا بولۇپ، خىزمەتتە قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان، قىلىشنى خالىمايدىغان، قىلىدىغاننى قىلمايدىغان ھالەت پەيدا بولغان.

  نۆۋەتتە، ئىچكى-تاشقى مۇھىت چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش ئىچىدە تۇرماقتا، يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەر ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقماقتا، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىدە «كۈتۈپ تۇرۇش، تايىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش»قا بولمايدۇ، جاۋابكارلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن يۇقىرىنىڭ تەلىپىنى ماشىنىلاشقان، دوگما شەكلىدە ئىجرا قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى ئىشلەشنى خالاشقا، دادىل ئىشلەشكە، ئەمەلىي ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، خاتالىققا كەڭ قورساق بولۇش مېخانىزمىنى ھەقىقىي ئىشقا سېلىش كېرەك. خاتالىققا كەڭ قورساق بولۇش مېخانىزمىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنىڭ ئاچقۇچى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلاردا، يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقى قانچە ئىنچىكە بولسا شۇنچە ياخشى ئەمەس، بەلكى يۇقىرى دەرىجىدىكىلەر مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان كادىرلارغا مەدەت بېرىشكە جۈرئەت قىلىشى كېرەك. ئىش قىلىشنى ئويلايدىغان، ئىش قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان كادىرلارنىڭ بېلى چىڭ بولغاندىلا، ئاندىن بۆسۈپ ئۆتۈش، جان تىكىپ ئېلىشىش غەيرىتى ۋە كۈرەش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ.

  مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغۇچىلارغا مەسئۇل بولۇش − تېخىمۇ چوڭ مەسئۇلىيەتچانلىقتۇر. نۆۋەتتە نۇرغۇن جايلار مەركەزنىڭ روھى بويىچە، خاتالىققا كەڭ قورساق بولۇش مېخانىزمىنىڭ تەپسىلىي قائىدىسى تۈزۈپ چىقىپ، كەڭ قورساق بولۇشقا بولىدىغان «چېگرا سىزىقى» ۋە كەڭ قورساق بولۇشقا بولمايدىغان «تۆۋەن چەك»نى بېكىتتى. ئەمما كانىيى يىرتىلغۇچە شوئار توۋلىغاندىن كۆرە ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئىش قىلغۇسى بار كادىرلارنى قوغداپ، خاتالىققا كەڭ قورساق بولۇش ئۈلگىسىنى تىكلىگەندىلا، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دادىل ئىش قىلىشىغا ئىلھام بەرگىلى بولىدۇ. خاتالىققا كەڭ قورساق بولۇش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭمۇ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى بار، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، خاتالىققا كەڭ قورساق بولۇشقا تېگىشلىك ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن مەسئۇل بولۇشقا توغرا كېلىدۇ، شۇنداق قىلغاندىلا ۋەدىسىدە تۇرۇش ئۈنۈمى ئارقىلىق، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان كادىرلار قوشۇنىنى قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ