مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھەرقانداق ۋاقىتتا ئاشلىقنى ئىسراپ قىلىشقا بولمايدۇ

2020.08.18 17:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقى كىشىنى چۆچۈتىدۇ، يۈرەكنى ئېچىشتۇرىدۇ! باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا يېمەك- ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى توسۇش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى، ئۇ: «ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا ئۇدا مول ھوسۇل ئېلىنغان بولسىمۇ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىدە يەنىلا خەۋپ ئېڭى بولۇشى كېرەك، بۇ يىل دۇنيا بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرى بىزگە ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بەردى»، دەپ تەكىتلىدى. سەمىمىي نەسىھەتلەر كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.

  ئاشلىق تېجەش ھەققىدە، قەدىمكىلەر نۇرغۇن ئاددىي-ساددا سۆزلەرنى قىلغان، مەسىلەن: «كىيىم-كېچەكنى ئايىغاندا، كىيگىلى كىيىم بار بولىدۇ، ئاشلىقنى ئاسرىغاندا، يېگىلى تاماق بار بولىدۇ»، «ئۆيدە ھېسابسىز ئاشلىق، ساناقسىز كىيىم-كېچەك بار بولسىمۇ، كونىسىنى تاشلىماي ياماپ كىيىش، ئېشىپ قالغان تاماقنى تۆكۈۋەتمەسلىك لازىم»، «مول ھوسۇللۇق يىلنى ھوسۇل كەم يىلدەك ئۆتكۈزۈش كېرەك، ئاشلىق بار بولسىمۇ دائىم ئاشلىق يوق چاغنى ئەسلەش كېرەك»... بۇنىڭغا قارىتا، ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ تەسىراتى تېخىمۇ چوڭقۇر. پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچىكى ئۈچۈن ئەڭ زۆرۈر بولغىنى بىر تال گۈرۈچ، بىر چوكا چۆپ. ئىلگىرى كىيىم-كېچەك ۋە ئوزۇق-تۈلۈك يېتىشمەيدىغان يىللاردا شۇنداق ئىدى، ئاشلىق مول بولغان چاغلاردا بۇ نۇقتىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.

  شۇنى كۆرۈش كېرەككى، ئاشلىقتىن يىلمۇيىل مول ھوسۇل ئېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ مول ھوسۇل ئاسان قولغا كەلمىگەن. بولۇپمۇ بۇ يىل دۇنيا بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تۈپەيلىدىن دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرىنىڭ سېتىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ئېتىز پەرۋىشى يېتەرلىك بولماي، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا زور بېسىم پەيدا قىلدى. 3-ئايدا، مەركەز «نۆۋەتتىكى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى كۆرسەتمىسى» نى ۋاقتىدا تارقىتىپ، يېتەكلەش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش ئېلىپ باردى، جايلار زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى چىڭ تۇتتى، بولۇپمۇ كەڭ دېھقانلار تىرىشىپ ئاشلىق تېرىدى، بۇنىڭغا كىلىمات شارائىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولۇش قوشۇلۇپ، يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىندى. شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، پۈتۈن يىللىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇھىمى كۈزلۈك ئاشلىقتا. بۇ يىل يازدا چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىدا ئۇدا ياغقان قاتتىق ھۆل-يېغىن ئەنخۇي، جياڭشى قاتارلىق جايلارنىڭ چىلگە شال ئىشلەپچىقىرىشىغا تەسىر كۆرسەتتى. بەزى جايلاردا كەنجى شال ۋاقتىدا تېرىلالمىدى، گەرچە كېيىنكى مەزگىلدە يەنىلا باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق مۇقىم ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولسىمۇ، لېكىن قانداقلا بولسۇن قىيىنلىق دەرىجىسى ۋە سېلىنمىنى ئاشۇرۇۋەتتى.

  خاتىرجەم شارائىتتا خەۋپ-خەتەرنى ئويلاش، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش − بىر مەڭگۈلۈك تېما. ئاشلىقتىن قانچە مول ھوسۇل ئالغانسېرى ئاشلىقنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ تارىنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىش كېرەك. بىر تەرەپتىن، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىلدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئېھتىياجى يەنىلا تەڭپۇڭ ھالەتنى ساقلايدۇ. بولۇپمۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ يەر شارى بويىچە يامرىشى چەت ئەلدىن ئاشلىق ئىمپورت قىلىشنىڭ ئېنىقسىزلىقىنى ئاشۇردى، جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسىنى ئىمپورت قىلىشقا تايىنىپ توشقۇزۇشتىن ئۈمىد كۈتۈشكە بولمايدۇ. نۆۋەتتە، ئېلىمىزدە ئاشلىقنىڭ 98 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى ئۆزىمىز تېرىغان، ئىشلەپچىقىرىشنى قىلچە بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكەت بويىچە ھەر يىلى تاماق ئۈستىلىدە ئىسراپ بولىدىغان يېمەكلىك مىقدارى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىكەن. جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسىنى ئۆز قولىمىزدا چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىر نىيەتتە ماسلىشىشىغا، مىليونلىغان دېھقانلارنىڭ جاپالىق ئەمگىكىگە موھتاج، ئوخشاشلا ھەر بىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىق-ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئائىلە باشقۇرۇپ، ھەر بىر قوشۇق تاماق، ھەربىر ئىستاكان سۇنى قەدىرلىشىمىزگە موھتاج.

  ئىسراپچىلىق نومۇس، ئىقتىسادچىللىق شەرەپ، بىز ھەممىمىز بۇ ئىدىيەنى ئەمەلدە كۆرسىتەلىشىمىز كېرەك!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ