مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى ئوبزورى: «ماتېرىيال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كەينىگە تارتمىسۇن

2020.08.18 17:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش قانداق قىلىپ ماتېرىيالدا ھەل قىلغۇچ جەڭ بولۇپ قالدى؟» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ھالقىلىق باسقۇچقا كىرىشىگە ئەگىشىپ، بەزى جايلاردا «ماتېرىيال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش» شامىلى باش كۆتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى قاخشاتتى.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشانىنى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇش — ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا چوقۇم ئورۇنداشقا تېگىشلىك قاتتىق ۋەزىپە. «ئاخىرلاشتۇرۇش جېڭى» سانلىق مەلۇماتنىڭ تىرەك بولۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ، زور بىر تۈركۈم ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈش، تولۇقلاش، ئۆزگەرتىش، كۆپەيتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەقىلگە مۇۋاپىق. لېكىن نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ياخشى بولۇش-بولماسلىقىدىكى ئاچقۇچ ماتېرىيالنىڭ كۆپلىكىدە ئەمەس، ئەگەر ئاساسىي قاتلام نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرى ماتېرىيال ئۈچۈن «قاتراۋېرىپ پۇتلىرى ئۈزۈلۈپ» كەتسە، ھەقىقىي ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە سەرپ قىلىشقا نەدىمۇ ۋاقتى ۋە زېھنىي كۈچى بولسۇن. «ماتېرىيال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش» قارىماققا قاينام تاشقىنلىققا چۆمگەندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە نامراتلارنى يۆلەشنى كەينىگە تارتىدىغان بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش داۋامىدىكى شەكىلۋازلىقتۇر، بۇنىڭدىن ھوشيار بولۇش لازىم.

  «شەكىلۋازلىق، بىيۇكراتلىق دېگەنلەر پارتىيەمىزنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى ۋە ئېسىل ئىستىلى بىلەن زادى چىقىشالمايدىغان بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ چوڭ دۈشمىنى، خەلقنىڭ چوڭ دۈشمىنىدۇر». پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2019-يىلىنى «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى» قىلىپ بېكىتىشى دەل ئاساسىي قاتلامنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش ئۈچۈندۇر. بۇ يىل 4-ئايدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «ئاساسىي قاتلامنى قىيناۋاتقان مەسىلىلەرنى داۋاملىق ھەل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك ئىستىل كاپالىتىگە ئىگە قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئورۇنلارغا ھۆججەت تارقىتىش سانىنى قاتتىق كونترول قىلىشنى ھەم ئاساسىي قاتلامنىڭ يۇقىرىغا يوللايدىغان مەلۇمات-جەدۋەللىرىنىڭ سانىنى ئازايتىش كېرەكلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى يېنىك قوراللاندۇرۇپ، يۈكنى يېنىكلىتىش نەتىجىلىرى بىلەن خەلق ئاممىسىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈش ئۈچۈندۇر.

  شەكىلۋازلىق ئادەم ئۆلتۈرەر! لېكىن شەكىلۋازلىق بىر كۈندىلا شەكىللەنگەن ئىللەت ئەمەس، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يىلتىزىدىن يېنىكلىتىشمۇ بىر كۈندىلا پۈتىدىغان ئىش ئەمەس. نۆۋەتتە، يۇقۇم ۋە كەلكۈننىڭ قوش تەسىرى ئاستىدا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى تېخىمۇ مۈشكۈل. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى ئۆز قەرەلىدە قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، چوقۇم ئىدىيە جەھەتتىن شەكىلۋازلىقنىڭ زىيىنىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىنى كېچە-كۈندۈز ماتېرىيال تولۇقلاش، جەدۋەل تولدۇرۇشتەك قىيىن ئەھۋالدىن ئازاد قىلىش، ھەر خىل شەكىلۋازلىقنىڭ ئاسارەتلىرىدىن بوشىتىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئەتراپىغا ھەقىقىي چوڭقۇر چۆكۈپ مەسىلىلەرنى بايقاپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئەستايىدىل، ئەمەلىي ئىشلەشكە سېلىشتۇرغاندا، قەغەزگە ماقالە يېزىش ئاسان. لېكىن نامراتلارنى يۆلەش سانلىق مەلۇماتى قارىماققا ناھايىتى گۈزەل بولسىمۇ، نامرات ئاممىنىڭ ھەقىقەتەن رازى بولغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. «ماتېرىيال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش» قۇرۇق گەپ سېتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە يەڭگىلى بولمايلا قالماي، ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشسا پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىگە، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، ئومۇمىي خەلقنىڭ بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىدىن ئىبارەت دۆلەتنىڭ چوڭ پىلانىغا توسالغۇ بولىدۇ.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىغا كەلگەنسېرى، شۇنچە راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، تاش دەسسەپ ئىز قالدۇرۇپ، ھەقىقىي نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلارنى ھەقىقىي يۆلەشنى ئىچكى جەھەتتە قەلبكە، تاشقى جەھەتتە ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ