مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق گېزىتىنىڭ خەلق ئوبزورى: مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ئۈمىدىنى قوغدايدۇ

2020.08.18 17:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بالىلار ياراملىق بولسا، تۇرمۇشتا ئۈمىد بولىدىغانلىقى ۋە كەلگۈسىدە ئۈمىد بولىدىغانلىقى نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش روھىنى ئۇرغۇتتى.

  بۇ يىل 68 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى، 55 ئوقۇغۇچى ئادەتتىكى ئىككىنچى تۈركۈمدىكى ئالىي مەكتەپكە ئۆتتى؛ 2015- يىلىدىن ھازىرغىچە، ئادەتتىكى ئىككىنچى تۈركۈمدىكى ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلار 290گە يەتتى. يېقىندا، گۇيجۇ ئۆلكىسى رېنخۇەي شەھىرى شىنتيەن كەنتى شۇ كەنتتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىگە تايىنىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى.

  شىنتيەن كەنتى ئۆلكە دەرىجىلىك نامرات كەنت بولۇپ، ئۇ كەنتتىكى 270 نامرات ئائىلىدە 855 ئادەم بار. شۇ سەۋەبتىن، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ئىنتايىن جاپالىق ئىدى. قانداق قىلغاندا شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتكىلى، نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىشىنى توسۇپ قالغىلى بولىدۇ؟ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شۇ جايدىكى پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت دىققەتنى مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە مەركەزلەشتۈردى.بۇنىڭدا، بىر تەرەپتىن 30 مىليون يۈەن مائارىپ مەبلىغى سېلىپ، مائارىپ بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلىدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن مائارىپ تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ، مۇنەۋۋەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئاساسىي تېمىدا نۇتۇق سۆزلەتكۈزۈپ، شۇ جايدىكى ئاممىنى ئىئانە قىلىپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىشكە سەپەرۋەر قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، «ھەر قانچە جاپا تارتسىمۇ بالىلىرىنى قىيناپ قويماسلىق كېرەك، ھەر قانچە نامرات بولسىمۇ مائارىپتا نامرات بولماسلىق كېرەك.» دېگەن ئىدىيەنى شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، تىرىشىپ شۇ كەنتتىن چىقىپ باشقا جايدا بىلىم ئېلىپ كەلمەكچى بولغان بالىلارغا مائارىپ ئارقىلىق تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بەردى.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتا، ماددىي نامراتلىق بىلەن خوشلىشىپلا قالماي، ئادەمنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم. «قان ئىشلەپچىقىرىش» خاراكتېرىدىكى مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، شۈبھىسىزكى، ئۇ، نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىشىنى توسۇشتىكى تۈپ تەدبىردۇر. ئەگەر كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە باشقا جايغا كۆچۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىنى ئېچىشىغا ئۈنۈملۈك ياردەم بېرىشكە بولىدۇ، دىسەك، ئۇنداقتا مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بولسا، خۇددى تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يورۇتىدىغان يول چىرىغىغا ئوخشاش، ئۇ سانسىزلىغان ئائىلىلەرنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان سەپىرىنى يورۇتىدۇ.

  100 يىللىق ئۇلۇغۋار پىلاندا مائارىپ ئاساس بولۇپ، نامرات رايونلاردا بۇ تېخىمۇ شۇنداق. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئومۇمىيىتىدىن قارىغاندا، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئومۇمىي مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ نامراتلارنى يۆلەشتە ئاۋۋال ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەش كېرەكلىكىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى، ھەمدە مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، مائارىپ بايلىقىنى باراۋەرلەشتۈرۈش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، نامرات ئاھالىنىڭ پەرزەنتلىرىنى باش پەللىدە ئۇتتۇرۇپ قويماسلىق، نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىشىنى توسۇش كېرەكلىكىنىمۇ تەكىتلىدى. تېخىمۇ ياخشى تەربىيىگە ئىگە بولسا، نامرات ئائىلىلەردىكى بالىلار ئۆز تالانتىنى نامايان قىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتكە ئېرىشىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈمىدىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. «بىر ئادەم ياراملىق بولسا، بىر ئائىلىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ»، «بىر ئادەم ماھارەت ئۆگەنسە، بىر ئائىلە كىشىلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلىدۇ». مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرى ئېلىپ كەلگەن ھەقىقىي ئۈنۈم نامرات ئاممىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ مائارىپ قىممىتىنى ئېتىراپ قىلىپ، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى قوزغىماقتا. بالىلار ياراملىق بولسا، تۇرمۇشتا ئۈمىد بولىدىغانلىقى ۋە كەلگۈسىدە ئۈمىد بولىدىغانلىقى نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش روھىنى ئۇرغۇتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ