مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش ئۈچۈن توسمىنى پۇختىلاش لازىم

2020.08.18 17:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زور ئاممىۋى ساغلاملىق ۋەقەلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان دۆلەتلىك تېبابەت مەركىزىنىڭ تەسىس قىلىنىشى بولسا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەجرىبىلىرىنى تولۇق يەكۈنلىگەنلىكتۇر. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇ ئېلىمىزنىڭ زور ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشتىكى ئۇزاق مۇددەتلىك تەدبىرى ھېسابلىنىدۇ.

  يېقىندا، ئوتتۇرا جۇڭگو پەن-تېخنىكا داشۆسى تۇڭجى تېببىي شۆيۈەنى قارىمىقىدىكى تۇڭجى دوختۇرخانىسى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان ئاساستا، زور ئاممىۋى ساغلاملىق ۋەقەلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى بىردىنبىر دۆلەتلىك تېبابەت مەركىزى ۋۇخەندە ئىش باشلىدى. بۇ، مەملىكەتلىك سەھىيە ساغلاملىق سىستېمىسىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئەمەلىي تەدبىرى بولۇپ، ئۇ، ئاممىۋى سەھىيە مۇداپىئە تورىنى يەنىمۇ پۇختىلاشقا ۋە دۆلەتلىك ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە پايدىلىق.

  يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بولسا، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان يۈز بەرگەن تۈرلۈك ئاممىۋى ساغلاملىق ۋەقەلىرى ئىچىدە، تارقىلىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان، يۇقۇملىنىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ بولغان، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ چوڭ بولغان ۋە توساتتىن يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق ئاممىۋى ساغلاملىقى ۋەقەسى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭغا باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىش، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەمدە مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا جۇڭگو تەجرىبىلىرى توپلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇقۇمنىڭ زەربىسىدە، ئېلىمىزنىڭ ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسى ۋە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىستېمىسىدا ساقلىنىۋاتقان بەزى مەسىلىلەرمۇ ئاشكارىلاندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كۈچلۈك ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، مۇداپىئە تورىنى زىچ توقۇپ، ئايرىغۇچى تامنى پۇختا ياسىغاندىلا، ئاندىن خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشنى ھەقىقىي تۈردە كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. زور ئاممىۋى سەھىيە-ساغلاملىق ۋەقەلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش تېبابەت مەركىزىنىڭ تەسىس قىلىنىشى، ئەمەلىيەتتە ئۇ، بىر تەرەپتىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەجرىبىسىنىڭ تولۇق يەكۈنلەنگەنلىكىنىڭ نامايان قىلىنىشى بولسا، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇ يەنە بىر تەرەپتىن ئېلىمىزنىڭ زور ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشتىكى ئۇزاق مۇددەتلىك تەدبىر ئىكەنلىكىنىڭ نامايان قىلىنىشىدۇر.

  تۇڭجى دوختۇرخانىسى باشتىن-ئاخىر «دۆلەت ۋە خەلق بىلەن بىللەن جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، بىر قاتار زور ئاممىۋى ساغلاملىقى ۋەقەلىرى، ھەمدە جىددىي داۋالاش ۋە قۇتقۇزۇشتا ئالدىدا ماڭدى. بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە، تۇڭجى دوختۇرخانىسى ئۆتكەلنى ئالدىغا يۆتكەش، كۆپ پەنلەر ھەمكارلىقى ۋە ئىنچىكە باشقۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ئېغىر كېسەللەرنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنى %9تىن %2كە تۆۋەنلەتتى، بۇ ئەندىزىنى گوۋۇيۈەن بىرلەشمە مۇداپىئە-كونترول مېخانىزمىنىڭ داۋالاش-قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسى پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيتتى؛ دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە قوماندانلىقىدا، خۇبېيغا ياردەمگە بارغان 40 نەچچە داۋالاش ئەترىتى مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئىشلەپ ۋە جەڭگە ياردەم بېرىپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش قوللانمىسىنى ۋە باشقۇرۇش تەرتىپىنى باش بولۇپ تۈزۈپ چىقتى، ھەمدە ئېلان قىلدى. زور ئاممىۋى ساغلاملىق ۋەقەلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش دۆلەتلىك تېبابەت مەركىزى تۇڭجى دوختۇرخانىسىغا ماكانلاشتى. بۇ، خۇبېي ۋە ۋۇخەن خەلقىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشىغا قوشقان تۆھپىسىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشىدۇر. ئۇ بىز ئۈچۈن ھەم شان-شەرەپ، ھەم مەسئۇلىيەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەركەزنىڭ قۇرۇلۇشى جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئۇ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ئۇ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ھەقىقىي قوغداش ئۈچۈن بىر پۇختا توسما ياسىغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ