مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو سۇغۇرتا كەسپى جەمئىيىتى كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ «ۋاكالىتەن سۇغۇرتىدىن چېكىنىش» خەۋپ-خەتىرىدىن ئېھتىيات قىلىشىنى ئەسكەرتتى

2020.08.17 17:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا بەزى ئىستېمالچىلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، بەزىلەر نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ياكى سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ خادىمى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلغان، ئىستېمالچىلار سېتىۋالغان جىسمانىي سۇغۇرتا، شەخسىي ئىناۋەتلىك قەرز كاپالەت سۇغۇرتىسى قاتارلىق مەھسۇلاتلاردا «ئالدامچىلىق قىلمىشى مەۋجۇت، نۇرغۇن ئىستېمالچىلار ئەرز قىلدى» دېگەن ياكى «سۇغۇرتا تالونىنى داۋاملىق ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغاندا ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرايدۇ» دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر بىلەن ئىستېمالچىلارنى ۋاكالىتەن «سۇغۇرتىدىن چېكىنىش»نى ئۆزىگە ھاۋالە قىلىشقا قىزىقتۇرغان ھەمدە بۇ ئارقىلىق يۇقىرى سوممىلىق رەسمىيەت ھەققى ئالغان. جۇڭگو سۇغۇرتا كەسپى جەمئىيىتى كەڭ ئىستېمالچىلارنى مۇنداق ئەسكەرتىدۇكى، بۇ خىل قىلمىش قانۇنسىز پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلىپ، سۇغۇرتا بازىرىنىڭ نورمال تىجارەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىك. ئىستېمالچىلار خەۋپ-خەتەرنى پەرقلەندۈرۈش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئەقلىي ھالدا سۇغۇرتىدىن چېكىنىپ، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

  ئىگىلىنىشىچە، «سۇغۇرتىدىن چېكىنىش ۋاكالەتچىلىكى» بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بەزى شەخس ياكى كوللېكتىپلار ئىستېمالچىلارنى نورمال سۇغۇرتا توختامىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ئازدۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنى سۇغۇرتا ئېلىپ كەلگەن خەۋپ-خەتەر كاپالىتىدىن مەھرۇم قىلغان، ئىستېمالچىلار كەلگۈسىدە يەنە بىر قېتىم سۇغۇرتىلاتقاندا، بەلكىم كۈتۈش مۇددىتىنى قايتا ھېسابلاش، سۇغۇرتا ھەققى ئۆرلەش، ھەتتا سۇغۇرتىلاشنى رەت قىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن؛ بەزى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئىستېمالچىلاردىن يۇقىرى سوممىلىق رەسمىيەت ھەققى ياكى زاكالەت پۇلى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، ئىستېمالچىلارنى «كونىسىدىن چېكىنىپ، يېڭىسىغا سۇغۇرتىلىتىپ»، ئاتالمىش «يۇقىرى تاپاۋەتلىك» مالىيە باشقۇرۇش مەھسۇلاتلىرى ياكى باشقا شىركەتلەرنىڭ سۇغۇرتا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشقا قىزىقتۇرغان؛ يەنە ئۆزى ئىگىلىگەن ئىستېمالچىلار بانكا كارتىسى ۋە كىملىكنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ سۇغۇرتىدىن چېكىنىش مەبلىغىنى تۇتۇپ قېلىشى، ھەتتا ئىستېمالچىلارنى قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش ئالدامچىلىقىغا ئازدۇرۇپ سۆرەپ كىرىشى مۇمكىن.

  بۇنىڭدىن باشقا، «سۇغۇرتىدىن چېكىنىش ۋاكالەتچىلىكى» بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شەخس ياكى كوللېكتىپلار ۋاكالىتەن ئەرز قىلغان، ھەقنى تولۇق سوممىسى بىلەن قايتۇرغاندا، ئىستېمالچىلار قەرز پۇلىنىڭ قەرەلى ئۆتۈپ كېتىش، سۇغۇرتا ھەققى ئۈزۈلۈپ قېلىش قاتارلىق توختامغا خىلاپلىق قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، شۇنىڭ بىلەن ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ناچار خاتىرىسى شەكىللەندۈرۈپ، ئىستېمالچىلارنىڭ كەلگۈسىدىكى قەرز ئېلىش، سەپەرگە چىقىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىقلارغا ناچار تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. «سۇغۇرتىدىن چېكىنىش ۋاكالەتچىلىكى» بىلەن شۇغۇللانغان شەخس ياكى كوللېكتىپلار بەزى ئىستېمالچىلارنى سەۋەب ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، دەلىل-ئىسپات ئويدۇرۇپ ساختا ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ، ئەرز قىلىش، پاش قىلىش ياكى قارا چاپلاشقا كۈشكۈرتىشى، ئىستېمالچىلار بۇنىڭ ئۈچۈن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتنىشىپ قېلىشى مۇمكىن.

  سۇغۇرتا كەسپى جەمئىيىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: ئىستېمالچىلار «سۇغۇرتىنى ۋاكالىتەن قايتۇرۇش»قا قارىتا ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈشى، بولۇپمۇ ئاتالمىش «كونىسىنى قايتۇرۇپ، يېڭى سۇغۇرتىغا قاتنىشىش»، «يۇقىرى تاپاۋەتلىك مەھسۇلات» قاتارلىق تەشۋىقاتلارغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىشى لازىم. ئىستېمالچىلار ئۆزى سېتىۋالغان سۇغۇرتا مەھسۇلاتىنىڭ سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى ۋە سۇغۇرتىدىن چېكىنىش زىيىنى قاتارلىق مۇھىم ئۇچۇرلارنى ئىگىلىشى كېرەك، ئۆز ئېھتىياجىغا ئاساسەن، سۇغۇرتىدىن چېكىنىش رەسمىيىتىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بېجىرىشى كېرەك.

  بۇ مەسئۇل خادىم يەنە مۇنداق دېدى: ئىستېمالچىلار شەخسىي ئۇچۇرىنى قوغداشقا دىققەت قىلىشى كېرەك، بانكا كارتىسى، كىملىك، سۇغۇرتا توختامى قاتارلىق مۇھىم تالونلارنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ياكى كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ئاسانلىقچە باشقىلارغا تاپشۇرۇپ بەرمەسلىكى، كۆچمە چىقىم قىلىش ئىككىلىك كودى، تور بانكىسى دەلىللەش نومۇرىنى باشقىلارغا ئاسانلىقچە يوللىماسلىقى كېرەك. ئەگەر قانۇنسىز ئۇنسۇرلار شەخسىي ئۇچۇرغا قانۇنسىز ئېرىشىپ، قانۇنسىز پايدىلىنىپ، ئەرز قىلىش ۋە سۇغۇرتىدىن چېكىنىش ئارقىلىق ئالدامچىلىق قىلغاننى بايقىغاندا، دەرھال جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مەلۇم قىلىش كېرەك. قانۇنسىز ئاپپارات ياكى شەخسلەر پاكىت ئويدۇرۇپ چىقىرىش، دەلىل-ئىسپات ماتىرىياللىرىنى ئويدۇرۇپ ياساش قاتارلىق قىلمىشلارنى ئالاقىدار تارماقلارغا ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ