مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇپ چىقىش پۈتكۈل ئىنسانلارغا ئورتاق ئارزۇ ھېسابلىنىدۇ

-- بىرلىكتە گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ چىقايلى (6)

2020.08.17 17:06 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ يېشىللىق ھەرىكىتى دۇنياغا غايەت زور ئىجابىي تۈرتكە بولۇپ، يەر شارى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ، ئۇنىڭ مۆجىزىسى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىدۇ.

  جۇڭگونىڭ دۇنيا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا قوشقان تۆھپىسى بولسا، ئەمەلىيەتتە ھەرىكەت تۆھپىسى ۋە نەتىجە تۆھپىسىدۇر، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇ، ئىدىيە تۆھپىسى ۋە تەجرىبىنىڭ تۆھپىسىدۇر.

  كىلىمات ئۆزگىرىشى، دېڭىز-ئوكيان بۇلغىنىشى ۋە جانلىقلارنى قوغداشتىكى مەسىلىلەر قاتارلىق مۇھىت مەسىلىلىرى ئالدىدا، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇش ۋە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ بىللە مېڭىش، بۇ ئىنسانلارنىڭ بىردىنبىر تاللىشىدۇر.

  بۇ يىل 5- ئايدا ماقۇللانغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇنى كودېكسى»نىڭ 9- ماددىسىدا: ھەق تەلەپ سۇبيېكتى شۇغۇللانغان ھەق تەلەپ پائالىيىتى چوقۇم بايلىق تېجەشكە ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداشقا پايدىلىق بولۇشى كېرەك. ھەق تەلەپ قانۇنىدا يېشىل تەرەققىيات پىرىنسىپىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشى بولسا، جۇڭگونىڭ دۇنيا ھەق تەلەپ قانۇنى سىستېمىسىغا قوشقان تۆھپىسى ھېسابلىنىدۇ، ئۇ بولۇپمۇ يەر شارى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا جۇڭگونىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى بېغىشلىدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۇنيا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، دۇنيا مۇھىتىنى تۈزەشكە چوڭقۇر قاتنىشىپ، دۇنيا مۇھىت ئاسراش ۋە سىجىلچان تەرەققىياتنىڭ ھەل قىلىش لاھىيەسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئوخشاش بىر يەر شارىدىكى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى مەسىلىسى ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك، يېشىل ماكان قۇرۇش ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ، ھەرقانداق بىر دۆلەت بىر چەتتە قاراپ تۇرالمايدۇ، ئۆزى يالغۇز ياشىيالمايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا دۇنيا يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىپ، دۇنيانى جۇڭگونىڭ يېشىل تەرەققىياتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىدىن كۆپ قېتىم بەھرىمەن قىلدى ھەمدە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە دۇنيا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى يولىدا ياخشى مېڭىش توغرىسىدا «يېشىل تەكلىپ»نى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ تىرىشچانلىقلار دەل مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ مېڭىشنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل ماكانىنى ئورتاق قۇرۇش ئۈچۈندۇر.

  ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ئىشلىرىدىن قارىغاندا، جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەرمۇ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشۇش ئۈچۈندۇر. ئىنسانىيەتنىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىدە، ھازىرغىچە سانائەتلەشكەن دۆلەتلەر 30دىن ئاشمىدى، نوپۇسىمۇ 1 مىلياردتىن ئاشمىدى، ھالبۇكى، جۇڭگودا 1 مىليارد نەچچە يۈز مىليون ئاھالىنىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسى تارىختا كۆرۈلمىگەن بىر ئىش. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسى بار بۇ ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۆلىمى زور بولغاچقا، ئۇنىڭ تەسىرى ئەسلىدىنلا دۇنياۋى خاراكتېرگە ئىگىدۇر. بۇ دۆلەت يەر شارى ئوزون قاتلىمىنى قوغداشقا ئەڭ چوڭ تۆھپە قوشقان دۆلەت بولۇشتىن تارتىپ، دۇنيا بويىچە ئېنېرگىيە تېجەش ۋە يېڭى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىشتىكى بىرىنچى چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىشقىچە، ئاندىن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش سۈرئىتى ئەڭ تېز دۆلەت بوكيشتىن تارتىپ، يەنە دۇنيا بويىچە پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ئەڭ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇشقا ئۆزگەردى. بۇ نەتىجىلەر شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، جۇڭگونىڭ يېشىللىق ھەرىكىتى دۇنياغا غايەت زور ئىجابىي تۈرتكە بولدى، ھەمدە يەر شارى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى، جۇڭگونىڭ يېشىللىق ھەرىكىتىدىن بارلىققا كەلگەن مۆجىزىسى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ