مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكا مەسئۇلىيەتتىن قېچىش ئارقىلىق، ئۆزىدە سەمىمىيەت ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى

2020.08.17 17:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا يەر شارى بويىچە يۇقۇم ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر دۆلەت بولغاچقا، ئەسلىدە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك ئىدى. لېكىن، ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان يېرى شۇكى، ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلارنىڭ كاللىسىدا بۇنداق نورمال لوگىكا يوق ئىكەن، ئۇلار پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن زومىگەرلىك لوگىكىسىنى بەرپا قىلىپ، مەسئۇلىيەتتىن قېچىش ئويۇنىنى قايتا-قايتا ئوينىدى. نەچچە ئايدىن بۇيان، ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى پومپېئو، گوۋۇيۇەننىڭ باياناتچىسى فۇتاگېس، سەھىيە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئازا، ئاق ساراي دۆلەت سودا ۋە ياسىمىچىلىق سىياسىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ناۋارو قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى رەسمىي ئىشى ئۈستىدە ئويلانماي، جۇڭگوغا ھۇجۇم قىلىش ۋە ئۈزلۈكسىز قارا چاپلاش بىلەن خۇددى «قايناق قازانغا چۈشۈپ كەتكەن چۈمۈلىلەر»دەكلا چالا قورۇم بولۇشۇپ ئالدىراش بولۇپ كېتىشتى. ۋىرۇس ۋەقەسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن جۇڭگوغا باغلاپ، ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشى كۈچلۈك بولماسلىقتىن پەيدا بولغان غەزىپىنى جۇڭگوغا يۈزلەندۈرۈشكە ئۇرۇندى. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، ناۋارو زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ئەگەر ئامېرىكا خەلقىنىڭ بارلىق ناچار كەيپىياتلىرى جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە قارىتىلسا، ئامېرىكا ناھايىتى تېزلا يۇقۇمدىن قۇتۇلىدۇ، دېدى. بۇنداق ئەپسانىۋى غەلىتە گەپلەر بولسا، ئەسلىدە پۈتۈنلەي قۇرۇق گەپلەردۇر.

  يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلار يامان نىيەتتە «ۋۇخەن ۋىرۇسى»، «جۇڭگو ۋىرۇسى» دېگەندەك كەمسىتىش تۈسىنى ئالغان گەپ-سۆزلەرنى تارقاتتى. بۇنداق قىپيالىڭاچ ھالدا قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلىشلارغا قارىتا، خەلقئارادىكى ئوقۇمۇشلۇق زاتلار بارغانسېرى تېخىمۇ كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلارنىڭ سىياسىي كۈلكىلىك ئويۇنلىرىنى پاكىت ۋە سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق ئېچىپ تاشلىدى. يالې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى سىتىفىن روچ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەندىن بۇيان، «سۇيىقەست نەزەرىيەسى» ئىزچىل تۈردە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كوزىرى بولۇپ كەلدى، ئەمما بۇ پەقەتلا ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز سەۋەنلىكىنى يوشۇرۇش ئۈچۈندۇر.

  ئامېرىكىدا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلارنىڭ سانى 5 مىليوندىن ئاشتى، ئۆلگەنلەر 160 مىڭدىن ئاشتى. مۇشۇنداق كەسكىن يۇقۇم ئەھۋالى ئالدىدا، ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلار دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇمنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى كونترول قىلىپ خەلقنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزماي، ئەكسىچە ھەر خىل سىياسىي ئويۇنلارغا بېرىلىپ كەتتى.

  ساپ ئالتۇن ئوتتىن قورقمايدۇ. جۇڭگو باشتىن-ئاخىر ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ، چوڭ دۆلەتلەر مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، باشقا دۆلەتلەر بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى ئورتاق يېڭىپ كېلىۋاتىدۇ. جۇڭگو قانۇن بويىچە، ئاشكارا ۋە مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە تۇتۇپ، تۇنجى بولۇپ خەلقئارا جەمئىيەتكە يۇقۇم ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە يۇقۇمدىن قۇتقۇزۇش تەجرىبىلىرىدىن تولۇق بەھرىمەن بولدى. يۇقۇم ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش جەھەتتە، جۇڭگو ھەر قايسى دۆلەت ئالىملىرىنىڭ ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى ۋە تارقىلىش يولى ئۈستىدە پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئىلمىي تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇشنى قوللايدۇ. جۇڭگو دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، ئىلمىي مەنبەنى تەكشۈرۈش مەسىلىسىنى ئورتاق مۇزاكىرە قىلدى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەشكىللەپ ئەۋەتكەن ئىككى مۇتەخەسسىس 7- ئاينىڭ 11- كۈنىدىن 8- ئاينىڭ 2- كۈنىگىچە جۇڭگوغا كىلىپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈشتىكى پەن تەتقىقاتتا ھەمكارلىشىشنىڭ تەييارلىق خاراكتېرلىك كېڭىشىشىنى قانات يايدۇردى.

  بىز ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلارنىڭ زىددىيەتنى باشقىلارغا ئارتىپ قويىدىغان سىياسىي قەستلىرىنى ئەمدى يىغىشتۇرۇپ، ئۆز دۆلىتى خەلقى ئۈچۈن ۋە بىر چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي تۈردە ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە پۈتۈن يەر شارى مىقياسى بويىچە تارقالغان بۇ يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دەۋەت قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ