مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى ئوبزورى: ئىشىكنى ئوچۇق قويۇپ مەسلىھەت سوراش. بۇ، «جۇڭگوچە دېموكراتىيە»نىڭ جانلىق نۇسخىسى

2020.08.17 17:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ئىشىكنى ئوچۇق قويۇپ مەسلىھەت سوراپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى قاتلام لايىھەسىنى كۈچەيتىشنى ئەلدىن ئەقىل سوراشغا بىرلەشتۈرۈپ، «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ياخشى تۈزۈشنى تەكىتلىدى. نۆۋەتتە، پىلانلاپ تۈزۈش خىزمىتىدە توردا پىكىر ئېلىش قانات يايدۇرۇلدى. خەلق تورىنىڭ «رەھبەرلەر سۆز قالدۇرۇش تاختىسى» قاتارلىق بەتلىرىدە ئالاقىدار مەخسۇس سەھىپىلەر تەسىس قىلىنىپ، كەڭ تور ئەھلىلىرىنىڭ تەكلىپ بېرىشىنى قارشى ئالدى، ئالاقىدار تەكلىپ پىكىرلەر ئومۇملاشتۇرۇلۇپ رەتلەنگەندىن كېيىن مەركەزنىڭ تەدبىر بەلگىلەشتە پايدىلىنىشى ئۈچۈن تەمىنلىنىدۇ.

  «14-بەش يىل»لىق پىلان مەزگىلى بولسا، ئېلىمىز ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك زامانىۋىلاشقان سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىغان، ھەمدە ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلغان تۇنجى بەش يىل بولۇپ، ئۇنىڭ ئەھمىيىتى زور. ھاكىمىيەتنىڭ روناق تېپىشىنىڭ ئامىلى خەلقنىڭ قەلبىنى ئىللىتىشتا. «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك. بۇنىڭ ئۈچۈن، كەڭ خەلق ئاممىسىنى چوقۇم سۆز قىلالايدىغان، دادىل سۆزلەيدىغان، ھەقىقىي تەدبىر كۆرسىتىدىغان ۋە ياخشى تەدبىر كۆرسىتىدىغان قىلىپ يېتىلدۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى سىزىپ چىقىش كېرەك. «رەھبەرلەر سۆز قالدۇرۇش تاختىسى» قاتارلىق ئالاقە تورى يوللىرىدىن پايدىلىنىپ پىكىر يوللىرىنى كېڭەيتىش، ئاممىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش، ھەمدە خەلقنىڭ رايىغا قۇلاق سېلىش ۋە خەلقنىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىش ئەمدى «جۇڭگوچە دېموكراتىيە»نىڭ يەنە بىر قېتىملىق جانلىق ئىپادىسىگە ئايلىنىدۇ.«خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش، خەلققە يېقىندىن تايىنىپ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش»، مانا بۇلار دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكلىرىنىڭ بىرى. خەلق ئاممىسى بولسا ھەم سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باشتىن كەچۈرگۈچى ۋە باھالىغۇچى، ھەمدە سىياسەت تۈزۈشكە قاتناشقۇچى ۋە تۆھپە قوشقۇچىدۇر. ئەرزىيەت قوبۇل قىلىش ۋە خەت-چەك ئارقىلىق ئەرز قىلىشتىن تارتىپ، خەلق ئەھۋالى قىزىق لىنىيەسى ۋە شەھەر باشلىقى قىزىق لىنىيەسىنى تەسىس قىلىشقىچە، جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە خەلق رايىنى ئىپادىلەش يوللىرى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. ئالاقە تورى دەۋرىگە قەدەم قويغاندا بولسا، ھەممە ئادەمدە «مىكروفون» بار بولدى، تور ھەر خىل ئاۋازلارنىڭ «يىغىش-تارقىتىش ئورنى»غا ئايلاندى؛ تورنىڭ ئېچىۋىتىلىشى ئاممىنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىش ئۈچۈن تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپ بەردى. ھازىر جۇڭگودا تور ئەھلىلىرىنىڭ سانى 900 مىليوندىن ئاشتى، ئۇلارنىڭ ئارقىسىغا جۇڭگونىڭ ئەڭ چوڭقۇر ئەلرايى ئاساسى مۇجەسسەملەنگەن. توردا سىياسەت سوراشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېموكراتىيە تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دېموكراتىيە شەكلىنى بېيىتىش، دېموكراتىيە يوللىرىنى كېڭەيتىش، خەلقنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە تۈرلۈك يوللار ۋە شەكىللەر ئارقىلىق باشقۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، مانا بۇ تېمىلار ئەمدى بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇنلار بولۇپ قالدى.

  توردا سىياسەت سوراشنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغان سۇپىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «رەھبەرلەر سۆز قالدۇرۇش تاختىسى» يولغا قويۇلغان 14 يىلدىن بۇيان، ئۇنىڭ تەسىر كۈچى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى مىسالغا ئالساق، «رەھبەرلەر سۆز قالدۇرۇش تاختىسى» ئارقىلىق، خەلق رايى بىۋاسىتە ئاپتوموبىلى، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ قەلب كۆۋرۈكى، دورا قىس بولۇش، ئەشيا ئوبوروتى قىيىن بولۇش مەسىلىسى دېگەندەك مەسىلىلەر ۋاقتىدا ھەل قىلىندى، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر بىر-بىرلىگەن سوئال سوراش بەلگىلىرى تۈزلەندى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، «يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئىشنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تەكلىپ، پىكىر ۋە مەسىلە يىپ ئۇچى توپلاش» سەھىپىسى ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئويلىغانلىرى ئىگەللەندى، ئۇنىڭدىكى نۇرغۇن تەكلىپلەر يەرلىكنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىدىكى مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولۇپ قالدى، بىر-بىرلىگەن توغرا قاراشلار قوبۇل قىلىندى. ئۆزئارا تۈرتكە بولۇشنىڭ كۆپەيگەنلىكى ۋە تەدبىر بەلگىلەشنىڭ ئاشكارا بولغانلىقىنى نامايان قىلىدىغان بۇ سۇپا، يەنى ئاممىنىڭ نەزىرىدە «كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشىدا ئەڭ كۆزگە چېلىقىدىغان بۇ سۇپا» ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ سەرخىللاشتۇرۇپ ئىدارە قىلىشىدىكى مۇھىم تۇتقا بولۇپلا قالماي، ئۆز نۆۋىتىدە ئۇ يەنە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي تۈزۈمنىڭ كەڭ، ھەقىقىي ۋە ئۈنۈملۈك كۆزنىكىگە ئايلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ