مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

نامراتلارنى يۆلەش ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورنى ھۇرۇنلارنى باقماسلىقى كېرەك

2020.08.14 17:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  بىر كەنتتە نامراتلارنى يۆلەش ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورنىدىن 101 ئورۇن تەسىس قىلىنغان، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئۇچۇر خادىمى، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆلچىگۈچى، ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خادىمى دېگەندەك ئىش ئورنى بار بولغان... بەزى جايلار ئېھتىياجدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن ھەر خىل نامراتلارنى يۆلەش ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلغان، بەزى ئېغىر نامرات رايونلار ھەتتا ئەمگەك ئىقتىدارى بار كۆپ قىسىم نامرات ئاممىنى نامراتلارنى يۆلەش ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورنىغا كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇ ھادىسىلەردىن ھوشيار بولۇشقا ئەرزىيدۇ.

  يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى تېخىمۇ سىنالدى. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلارنى يۆلەش ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورنى تەسىس قىلىش ___ نامراتلارنى يۆلەش يوللىرىنىڭ بىرى. نامراتلارنى يۆلەش ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورنى مەخسۇس نامرات ئەمگەكچىلەر ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئائىلىسىدىن ئايرىلماي تۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش، ئىش ئورنىنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بېرىش، نامراتلارنى «مائاشلىقلار»غا ئايلاندۇرۇش قاتارلىق رولى بار، نامرات ئەمگەكچىلەر ئۈچۈن دەل جايىدا تەسىس قىلىنغان بەخت دېيىشكە بولىدۇ. مۇھىتنى تۈزەش، يېزىلارنى كۆكەرتىش، بىخەتەرلىك قوغداش، يول ئاسراش قاتارلىق نۇرغۇن ئەمگەك كۈچلىرىگە ئېھتىياجلىق بولغان قاتتىق ئېھتىياج نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئەمەلىي ئەھۋالى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئاممىۋى پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئىش ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلىش ئارقىلىق، «قان بېرىش»نى «قان ئىشلەش»كە ئۆزگەرتىدۇ، بۇ، ئەمەلىيەتتە كۆپ تەرەپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ياخشى تەدبىر.

  دەسلەپكى ئارزۇ ناھايىتى ياخشى، لېكىن قىسمەن جايلار ئىجرا قىلىش جەريانىدا نامراتلارنى يۆلەش ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورنىنىڭ سۈپىتىنى ئۆزگەرتىپ، سىياسەتنىڭ دەسلەپكى مەقسىتىگە يېتەلمەيلا قالماستىن، يەنە بەزى ناچار بىخلارنى پەيدا قىلدى. مەسىلەن، ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورنىنى زىيادە كۆپ تەسىس قىلىش، قالايمىقان ئىشلىتىش، كۆرسەتكۈچ تارقىتىش، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش» ياكى «ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇش»، «ئادەم بېقىش» ھادىسىلىرى كۆرۈلدى، ھەتتا «ئىشقا چىققان-چىقمىغاننى باشقۇرىدىغان ئادەم بولماسلىق، كۆپ ئىشلىسىمۇ، ئاز ئىشلىسىمۇ ئوخشاشلا پۇل ئېلىش» ئەھۋالى مەۋجۇد بولدى. بۇ مەسىلىلەرنىڭ كەينىدە، ئەمەلىيەتتە بەزى جايلارنىڭ قىسقا مۇددەتلىك تۇيۇقسىز ھۇجۇم شەكلىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئاددىي، قولايلىق بولۇش، ئاۋارىچىلىقنى ئازايتىش قاتارلىق پىسخىكىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. چوڭ يوچۇق ئېچىپ، تېخىمۇ كۆپ نامراتلارنى يۆلەش ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەشنىڭ مەشغۇلات قىلىش قىيىنلىق دەرىجىسى تۆۋەن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ۋاقىت تىجەپ، ئىشنى ئازايتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىشنى تېجەشنىلا ئويلايدىغان بۇ خىل ئۇسۇل ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ھورۇنلۇق قىلىش تەپەككۇرىدىن ئىبارەت.

  بۇ ئىشلار نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇش، ھەقىقىي نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش نىشانىغا يېتىشكە پايدىسىز بولۇپلا قالماي، بۇ سىياسەت پاراۋانلىقنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قىيىنلاشتۇرۇپ، يەنە نامرات ئائىلىلەر ئارىسىدا «ساقلاش، تايىنىش، ئېلىش» ئىدىيەسىنى ئاسانلا ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئوبيېكتلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىرادىسى ۋە ئاكتىپلىقىنى يوقىتىدىغان «ھاماقەت تەدبىر» بولۇپ قالدى. شۇنى كۆرۈش كېرەككى، نامراتلارنى يۆلەش ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ «ئۆتكۈر قورالى»دۇر، «ئادەم باقىدىغان» ۋاقىتلىق تەدبىر بولۇپ قالسا بولمايدۇ. شۇڭا، سىياسەتنىڭ دەسلەپكى ئارزۇسىغا قايتىپ ئۆتكەلنى ياخشى ئىگىلەپ، ئالاقىدار قالايمىقانچىلىقلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە تۈزەشنى كۈچەيتىش كېرەك. ياخشى ئىشنى ياخشى قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورنىدىن ئىبارەت بۇ سىياسەت قورالىدىن ھەقىقىي ياخشى پايدىلانغاندىلا، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قىلغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ