مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بارغانسېرى كۆپلىگەن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئىناۋەت گۇۋاھلىقى سىستېمىسىغا كىردى، ياخشى ئىناۋەت خاتىرىسىنىڭ مۇھىملىقى كۈندىن-كۈنگە كۈچەيمەكتە

ئىناۋەت دوكلاتىڭىزنى كۆڭۈل قويۇپ ئاسراڭ

2020.08.17 17:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئىناۋەت دوكلاتى بانكىنىڭ كىرېدىت تەدبىرىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ، بانكا ئاساسلىقى قەرەلى ئۆتۈپ كېتىش ۋە قەرز پۇل خاتىرىسى قاتارلىقلارغا دىققەت قىلىدۇ

  يېقىندا «چۈمۈلە ‹خۇابېي›نىڭ قىسمەن ئابونتلىرى مەركىزىي بانكىنىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلدى» دېگەن خەۋەر جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بەزى ئابونتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چۈمۈلە ‹خۇابېي› يېقىندا مۇلازىمەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئابونتلارنىڭ مەركىزىي بانكىنىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى سىستېمىسىغا ئۇلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

  «ئىناۋەت گۇۋاھلىقى سىستېمىسىغا ئۇلىنىدۇ؟ بۇنىڭدىن كېيىن ‹خۇابېي›نى ئىشلىتىش خاتىرىسى ئىناۋەت دوكلاتىدا كۆرۈلەمدۇ؟»، «مەركىزىي بانكىنىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلگەن ئىكەن، ‹خۇابېي› ئىشلىتىش ئۆي قەرزىم ۋە ماشىنا قەرزىمگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟»... بىردىنلا، تۈرلۈك مەسىلىلەر ئارقا-ئارقىدىن پەيدا بولدى، كۆپىنچىسى «شەخسىي ئىناۋەت خاتىرىسىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ-يوق» دېگەندىن ئىبارەت ئوخشاش بىر تېمىنى چۆرىدەپ سورالغان سۇئاللار.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە «خۇابېي» سىستېمىسى ھەقىقەتەنمۇ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى سىستېمىسى بىلەن جىپسىلىشىشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىشلىتىش ئەھۋالىمۇ تەدرىجىي ھالدا ئىناۋەت دوكلاتىنىڭ خاتىرىلەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۇرغۇن ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىمۇ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى سىستېمىسىغا كىرىشنى خالايدىكەن ياكى پىلانلاۋاتماقتا ئىكەن. ئىناۋەت گۇۋاھلىقى سىستېمىسىغا كىرگەندىن كېيىنكى تەسىرگە نىسبەتەن كەسپىي زاتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پەقەت ئىشلەتكۈچىلەر ۋاقتىدا نورمال قەرز قايتۇرسىلا، ئالاقە تورى ئىستېمال كىرېدىتى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىش شەخسىي ئىناۋەت خاتىرىسىگە تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن.

  سۇنىڭ پۇل مۇئامىلە تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى خۇاڭ داجى مۇنداق دېدى: ئىناۋەت خاتىرىسىنىڭ ئەڭ ئاساسىي ئىقتىدارى − باشقىلارنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرىنى چۈشىنىش، دەلىللەش ھەمدە ئىناۋەت ئۇچۇرىنى تارقىتىش ئارقىلىق سودىلاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچۇرلىرىنىڭ سىممېترىكسىزلىقىنى ياخشىلاپ، سودا قىلىۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەش رولىنى ئويناشتىن ئىبارەت.

  بانكا كىرېدىتىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تارماقلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياخشى ئىناۋەت خاتىرىسىگە ئىگە قەرز ئالغۇچى قەرزنى تېخىمۇ تېز ئېلىپلا قالماستىن، يەنە تېخىمۇ يۇقىرى قەرز سوممىسى ۋە تېخىمۇ ئېتىبارلىق ئۆسۈم نىسبىتىگىمۇ ئېرىشەلەيدۇ. ئەكسىچە، ئەگەر قەرز ئالغۇچىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ناچار ئىناۋەت خاتىرىسى بولسا، كىرېدىت ئىلتىماسىدا بانكا قەرز بېرىشنى رەت قىلىش ئېھتىمالى بولىدۇ.

  شەخسىي ئىناۋەت دوكلاتىنى قانداق سۈرۈشتۈرىمىز؟

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە شەخسىي ئىناۋەت دوكلاتىنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ ئاساسلىق ئۈچ خىل يولى بار ئىكەن. بىرىنچىسى، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش بولۇپ، نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەتتىكى تۈرلۈك سۈرۈشتۈرۈش نۇقتىلىرى ئاممىنى پۇكەيدە ۋە ئاپتوماتىك تېرمىنالدا سۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن، نەق مەيداندا سۈرۈشتۈرۈش ئادرېسىنى جۇڭگو خەلق بانكىسى ئىناۋەت گۇۋاھلىقى مەركىزىنىڭ تور بېكىتىدىن تەكشۈرۈشكە بولىدىكەن. ئىككىنچىسى، ئالاقە تورىدا سۈرۈشتۈرۈش بولۇپ، ئامما ئالاقە تورى شەخسىي ئىناۋەت ئۇچۇرى مۇلازىمەت سۇپىسىغا تىزىملىتىپ، ئابونت ئۇچۇرىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، سۈرۈشتۈرۈش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇپ ئىككىنچى كۈنى سۈرۈشتۈرۈش نەتىجىسىگە ئېرىشەلەيدىكەن. ئۈچىنچىسى، ھوقۇق بېرىلگەن مەملىكەت خاراكتېرلىك سودا بانكىسىنىڭ يان تېلېفون بانكىسى ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدىكەن، مۇخبىر سودا- سانائەت بانكىسى، قۇرۇلۇش بانكىسى قاتارلىق بانكىلارنىڭ يان تېلېفون بانكىسى APP دېتالىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئورنىدا شەخسىي ئىناۋەت دوكلاتىنى سۈرۈشتۈرۈش ئېغىزىنى تاپقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ