مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرەيلى

2020.08.14 17:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئەڭ مۈشكۈل ۋەزىپە − نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئەڭ گەۋدىلىك بولغان كەمتۈكلۈك − يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەردۇر. ھازىر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ھالقىلىق مەزگىلگە يېتىپ كەلدى. بىز چوقۇم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ ئالاھىدە مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، قانچە مۇھىم پەيتكە كەلگەنسېرى ئىشەنچنى شۇنچە چىڭىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىنى قەتئىي يېڭىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

  ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، يوقىتىش جېڭى قىلىش لازىم. دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلار ۋە نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىمىغان نامرات ناھىيەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېغىر نامرات رايونلاردىكى نامرات ئاھالە كۆپ، نامراتلىق يۈز بېرىش نىسبىتى يۇقىرى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قىيىنلىق دەرىجىسى چوڭ بولغان ناھىيەلەر ۋە مەمۇرىي كەنتلەرگە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، سەرخىل كۈچلەرنى تەشكىللەپ كۈچلۈك ياردەم بېرىپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ ئۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، گەۋدىلىك مەسىلە ۋە ئاجىز ھالقىلارنى نىشانلاپ سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ ئۆز قەرەلىدە نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  سىياسەت مېخانىزمىنى قوللىنىپ، ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. نامرات ئامما نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى يۆلەش ئوبيېكتى، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئاساسىي كۈچىدۇر. نامراتلارنى يۆلەشنى ئىرادە ۋە ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك. ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولمىسا، تاشقى كۈچكىلا تايىنىپ ياردەم بېرىش ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ، مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ، بىزدىن نامرات رايونلاردىكى كادىرلار ۋە ئاممىغا بولغان تەشۋىق قىلىش، تەربىيەلەش، تەشكىللەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتىپ ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، نامرات ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، نامرات ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئىشلەمچىلىك، سودا قىلىشتىكى ئاساسىي ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، نامرات رايونلار ۋە نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئىچكى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا، نامرات رايونلار ۋە نامرات ئاممىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.

  ئىشلەپچىقىرىش مۇكاپات تولۇقلىمىسى، ئەمگەك ياردەم پۇلى، ئىش تېپىپ بېرىپ قۇتقۇزۇش قاتارلىق سىياسەت ۋە مېخانىزمنى كۆپرەك قوللىنىپ، نامرات ئاممىنى ئۆزىنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلەش كېرەك.

  ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش بىلەن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، نامراتلىققا قايتماسلىق − ھەقىقىي نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ھېسابلىنىدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى قانداق مۇستەھكەملەش − نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە. بۇ، بىزدىن ھازىرقى ياردەم بېرىش سىياسىتىنىڭ ئومۇمىي مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئۆتكۈنچى مەزگىلدە نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغاندىن كېيىنمۇ مەسئۇلىيەتنى تاشلىماسلىق، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ سىياسەتنى توختاتماسلىق، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغاندىن كېيىنمۇ ياردەم بېرىشنى توختاتماسلىق، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغاندىن كېيىنمۇ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى توختاتماسلىقنى قاتتىق ئىشقا ئاشۇرۇپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ۋە ياردەم بېرىش مېخانىزمىنى ئورنىتىشنى تېزلىتىپ، قايتا نامراتلىشىپ كەتكەن ئاھالە ۋە يېڭىدىن پەيدا بولغان نامرات ئاھالىنى ۋاقتىدا يۆلەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشنى تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

  نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. كېيىنكى قەدەمدە يەنە نامراتلارنى ئازايتىش ئىستراتېگىيەسى ۋە خىزمەت سىستېمىسىنىڭ مۇقىم تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە كىرگۈزۈپ، ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىلەن يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بېيىتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ