مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۈزۈمنى تېگىشكە بولمايدىغان يۇقىرى بېسىملىق توك سىمىغا ئايلاندۇرايلى

-- گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ چىقايلى

2020.08.14 15:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ بىر روشەن ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ بولسىمۇ، تۈزۈم ئارقىلىق ئاساسنى باشقۇرۇش ۋە يىراق كەلگۈسىنى باشقۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشتۇر.

  تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىشنىڭ ئاچقۇچى ھەقىقىي تۇتۇشتا، ئۇ قاتتىق باشقۇرۇشقا تايىنىدۇ، تۈزۈمنىڭ نوپۇزىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تۈزۈمنىڭ قارانچۇق بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش، ئېكولوگىيە ساھەسىدىكى تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي تۈزەش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  بىر مۇۋەپپەقىيەتلىك مۇھىت ئاسراش ھېكايىسىنىڭ كەينىگە دائىم تۈزۈم مەدەنىيلىكىنىڭ ھېكايىسى يوشۇرۇنغان بولىدۇ. جېجياڭ خاڭجۇدىكى شىشى سۇلۇق يېرىگە كەلسەك، مەملىكەت بويىچە تۇنجى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى بۇ يەردە بارلىققا كەلدى، شۇ جاي بىر يۈرۈش ئومۇميۈزلۈك قوغداش، سېستىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ھەر تەرەپلىمە تۈزەش تۈزۈم تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، دەريا يولى توسۇلۇپ قېلىش ۋە سۇ سۈپىتى ناچارلىشىش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ، شېئىردىكىدەك گۈزەل مەنزىرە قايتا نامايەن قىلىندى. تۈزۈم مەدەنىيلىكى ئارقىلىق ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى قوغداش تەدرىجىي ئورتاق تونۇشقا ئايلانماقتا.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەڭ قاتتىق تۈزۈم ۋە ئەڭ قاتتىق قانۇن ئىدارە قىلىش ئارقىلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش كېرەك. بۇ سۆزگە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مېتودولوگىيەلىك ئەقىل-پاراسەت مۇجەسسەملەنگەن. نۆۋەتتە، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، لېكىن ئىدىيەنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ مۇناسىپ تۈردىكى تۈزۈم كاپالىتىگە موھتاج. رېئال مۇھىتتا، تەرەققىياتقىلا ئەھمىيەت بېرىپ، قوغداشقا سەل قاراشتەك ياشاش قارىشى بەزى جايلاردا يەنىلا مەۋجۇت، مۇھىت ئاسراش ئىشى ناھايىتى ئاسانلا «دېمەك مۇھىم، ئەمما قىلىش قىيىن» بولغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئەھۋال مەۋجۇت. بۇ مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، تۈزۈمنى قاتتىق بېكىتىپ، مۇھىت ئاسراشنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى بولسا، تۈزۈم ئارقىلىق ئاساسنى ۋە كەلگۈسىنى باشقۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشتىن ئىبارەت. «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»، «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى» قاتارلىق ماكرولۇق قاتلامدىكى ئىسلاھات لايىھەسى ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى نىشانلىق باھالاش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان يەتكۈزۈش جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق ئوتتۇرا قاتلام تۈزۈم لايىھەسىنى ئورنىتىپ، دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى ئىلگىرى سۈرۈش، چەت ئەل ئەخلەتلىرىنىڭ چېگرىدىن كىرىشىنى مەنئى قىلىش قاتارلىق مىكرو قاتلامدىكى تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېكولوگىيە مەدەنىلىكىنىڭ يۇقىرى قاتلام لايىھەسى ۋە تۈزۈم سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتا تارىخىي خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ۋە ئومۇمىيلىققا ئىگە ئۆزگىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلدى. پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىدا «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈم سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ياشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» ھەققىدە ئورۇنلاشتۇرۇشلار قىلىندى. تۈزۈم تورىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە زىچ ۋە پۇختا توقۇغاندا، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تۈزۈملەشتۈرۈش ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش يولىدا پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ