مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى ئوبزورى: كادىرلارنىڭ «نامىنى يوشۇرۇشى» بەلكىم ئاساسىي قاتلامنى تۈزەشنىڭ «سۆڭىكى يۇمشاۋاتقان»لىقتىن بولۇشى مۇمكىن

2020.08.14 18:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  كۈندىلىك خەۋەرلەردە ئوقۇرمەنلەر دائىم «ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلار»، «ئالاقىدار مەسئۇل كىشى»، «ئالاقىدار خىزمەتچىلەر» قاتارلىق ئاتالغۇلارنى كۆرۈپ تۇرۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئارقىسىدىكىسى مۇخبىر ئاساسىي قاتلامدا زىيارەت قىلغاندا يولۇققان ئوڭايسىز ئەھۋاللاردۇر: مەيلى ئىجابىي خەۋەر بولسۇن ياكى سەلبىي خەۋەر بولسۇن، زىيارەت قىلىنغۇچىلار دائىم مۇخبىرلارغا: «مېنىڭ دېگىنىمنى باشقىلارغا ھەرگىز بىلدۈرمەڭ»، «رەھبەرلەر ئاغزىدا دېمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما تۇيدۇرماي ئەدىپىمنى بېرىدۇ»، دېيىشىدۇ. نۇرغۇن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى چىن قەلبىدىن سۆز قىلغاندا دائىم «ئىسمىنىڭ تىلغا ئېلىنماسلىقى»نى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. بەزى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئاساسىي قاتلامدا كادىرلارنىڭ «نامىنى يوشۇرۇش» خاھىشى كۈچەيمەكتە ئىكەن.

  بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىدا مەسىلە ئىنكاس قىلىشقا نىسبەتەن غەم-ئەندىشە مەۋجۇت، يەرلىك باھالاش مېخانىزمى مۇكەممەل ئەمەس. مەسىلە ئىنكاس قىلىشقا نىسبەتەن غەم- ئەندىشە مەۋجۇت بولۇشنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى شۇكى، كادىرلار مەسىلىنى كىم ئىنكاس قىلسا، شۇ ھەل قىلىشتىن، بالاغا قېلىشتىن ئەنسىرەيدۇ، خۇددى شامالغا قارشى تۈكۈرسە، ئۆزىنىڭ يۈزىگە چۈشكەندەك. يەنە بىر خىل ئەندىشە بولسا جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ كېڭەيتىۋېتىلىشى بولۇپ، ئىمزالىق ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەر ئاممىۋى پىكرىنى پەيدا قىلغان ھامان، ئالاقىدار مەسئۇل كىشىنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىشتىن ساقلىنىش تەس، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش پىكىر بەرگەن ئادەمنىڭ ئارزۇسى ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنىڭ سەتچىلىكىنى ئاشكارىلىغانلار «بىر چەتكە قايرىپ قويۇلۇشى» مۇمكىن. يەرلىك باھالاش مېخانىزمى مۇكەممەل ئەمەس دېگەندە، ئاساسلىقى بەزى جايلاردا خادىملارنىڭ ياخشى ئىشلىگەن ياكى ناچار ئىشلىگەنلىكى ئاساسلىق رەھبەرلەرنىڭ باھاسىغا باغلىق، شۇنىڭ بىلەن بۇنداق ئۆزىنى كۆرسىتىش پۇرسىتى كەلگەندە، رەھبەردىن شەرەپ تالاشماي، تۆھپىنى رەھبەرلەرگە بېرىپ، رەھبەرلەرگە شەرەپ كەلتۈرۈش ئادەت بولۇپ قالغان ئورتاق تونۇشقا ئايلانغان. غەم-ئەندىشىدىن خالاس قىلىپ، باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرمىگەندە، كادىرلارنىڭ «نامىنى يوشۇرۇش»نى تاللىشى باشتىن- ئاخىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

  كادىرلارنىڭ «نامىنى يوشۇرۇش» ھادىسىسىنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سېلىشقا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنىڭ ئارقىسىدا بەزى جايلارنىڭ ئاساسىي قاتلام سىياسىي ئېكولوگىيەسى ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئاچقۇچلۇق ئورۇنلىرىدا توسۇلۇپ قېلىش، راۋان بولماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ماھىيەتتىن قارىغاندا، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى مەيلى تەشەببۇسكارلىق بىلەن «تۆھپىنى ئۆتۈنسۇن» ياكى پاسسىپلىق بىلەن نامىنى يوشۇرسۇن، ھەممىسى پەقەت يۇقىرىغىلا، ھوقۇققىلا ئىتائەت قىلىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق بولۇپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولماسلىق، قاتتىق قول بولماسلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر، بىرەر ئىشقا يولۇققاندا ئۆزىنى كۆپرەك ئويلاپ، خەلق ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ بوشاپ كەتكەنلىكىدۇر. ئېتىقاد بوشاپ، ئىدىيەدە يۈك بولسىلا، ھەرىكەت قىلغاندا ئالدى-كەينىگە قاراپ ئىش كۆرىدۇ. ئاساسىي قاتلامنى تۈزەشتە «سۆڭەك يۇمشاش» ئاساسىي قاتلامدىكى مەسىلىلەرنىڭ ناچار سىياسىي ئېكولوگىيەدە «مۇقىملىشىشىنى»نى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، نامىنى يوشۇرۇش قارىماققا كىچىك مەسىلىدەك قىلسىمۇ، ئەمما كادىرلار ئىستىلى ۋە سىياسىي ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىدىكى «چۈمۈلە ئۇۋىسى»غا ئايلىنىپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئومۇمىيەتنى چىرىتىدۇ، بۇ ئەھۋاللارنى بىخ ھالىتىدە يوقىتىش، سۇ كەلگۈچە تۇغان تۇتۇش كېرەك.

  «نامىنى يوشۇرۇش» ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشتا، رەھبەرلەر باشلامچىلىق بىلەن «مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلىش مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن» دېگەن ئىدىيەنى تۇرغۇزۇشى − يېتەكچىلىكتۇر، ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش − ئاچقۇچتۇر، باھالاش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش − مۇھىم نۇقتا، پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلاش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ لايىھەلەش − مۇھىم نۇقتا. شۇنداق قىلغاندىلا، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەت-بىر مەقسەتتە بولغىلى، بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئەمەلىي ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ «ئۇمۇرتقىسى قاتتىق»، «مۈرىسى كەڭ»، «ھەقىقىي ماھارەتلىك» كادىرلارنى ئاساسىي قاتلامنى تۈزەشتىكى ھالقىلىق پەيتتە، خەتەرلىك پەيتتە ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، تاقابىل تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ